تەڭرىتاغ تېزمىسىدىكى قار ۋە مۇزلۇقلار تەڭرىتېغىنىڭ تۆت ئېتىگىدىكى تېرىلغۇ يەر، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرىنى كېرەكلىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىن - بىر سۇ مەنبەسى ھېسابلىناتتى. شۇڭا تەڭرىتېغىنىڭ قار- مۇز چوققىلىرىنى ئالىملار " قېتىشما سۇ ئامبىرى" دەپ تەرىپلەشمەكتە ئىدى. لېكىن بۇ " قېتىشما سۇ ئامبىرى" يېقىنقى چاغلارغا كەلگەندە تېز ئېرىشكە باشلىدى. تەتقىقاتچىلار، ئەگەر تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ بۇ سۈرئەت بىلەن ئېرىشى توختىتىلمىسا بۇ رايوندا زور ئاپەتلەرگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
مۇزلۇقلار "جىددىي سۈرئەتتە" ئېرىۋاتىدۇ
خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسى قارمىقىدىكى تەڭرىتاغ مۇزلۇقىنى كۈزىتىش پونكىتى يېقىندا تەييارلىغان بىر دوكلاتتا، تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش قەدىمى "جىددىي سۈرئەتتە" كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا يەرشارى ھاۋا كىلىماتىدىكى ئىسسىش شۇنداقلا ئىنسان پائالىيىتىنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، تەڭرىتېغىنىڭ 1 - نومۇرلۇق مۇز بەلۋىغى ئەڭ تېز ئېرىۋاتقان مۇز قاتلاملىرىنىڭ بىرىدۇر. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى، ياپونىيە رىششو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت پەنلەر دوكتورى پەيزۇللا زەيدۇننىڭ ئەسكەرتىشىچە، 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق ئۈرۈمچى دەرياسى ۋە ئۇلانباي سۇ ئامبىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەسى ئىدى.
ئومۇمى كۆلىمى 2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى مەزكۇر مۇز قاتلىمى دۇنيا بۇيىچە شەھەرگە ئەڭ يېقىن مۇزلۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 120 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. ئالىملار مەزكۇر دوكلاتتا، مەزكۇر مۇز قاتلىمى يىلدا 5.3 مېتىردىن 9.5 مېتىرغىچە تېزلىكتە ئېرىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى 40 يىلدىن بېرى 20 مىليون كۇپ مېتىر مۇزلۇقنىڭ ئېرىپ بولغانلىقىنى ۋە 1993 -يىلدىن باشلاپ مۇز بەلۋىغى ئىككىگە پارچىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى مۇھىم رول ئوينىغان
مۇھىت پەنلەر دوكتورى پەيزۇللا زەيدۇن، تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىدە يەر شارى ھاۋا كىلىماتىلا ئەمەس، ئادەملەرنىڭ پائالىيىتىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پەيزۇللانىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنىڭ رولى بار. ئۇ بۇنىڭدا تاغ ساياھەتچىلىكى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ رولى بولۇپلا قالماي، بوز يەر ئېچىش ۋە ئۆسۈملۈكلەر بەلۋىغىنى ۋەيران قىلىشنىڭ ئېرىش جەريانىنى تېزلىتىش رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن نۆۋەتتە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇھىت ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھاۋالىسى بۇيىچە "شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك كونترولى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا مۇجەسسەملەش ھەم قوللىنىش" تۈرى، دەيدىغان بىر تەتقىقات پىلانىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.
مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ نىشانى خىتاينىڭ 2020 - يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن 30 مىليون مو بوز يەر ئېچىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشدۇر. مەزكۇر پىلانغا باش ھەربىي شتابنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سۈنئىي ھەمرا قوبۇل قىلىش مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار قاتناشماقتا ئىكەن.
بوستانلىقلارنىڭ كۆچۈش سەۋەبى
دوكتور پەيزۇللا زەيدىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە، بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇ، بۇ ھادىسە بوستانلىقلارنىڭ كۆچۈشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇزلۇقلار خىتايدىكى پۈتۈن مۇزلۇقلارنىڭ 42 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، مۇزلۇقلار كۆلىمى جەھەتتە چىڭخەي - تىبەت ئىگىزلىكىدىن قالسا 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇزلۇقلار رايوندىكى ئىچكى دەريالارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئەتراپدىكى دۆلەتلەرنىمۇ سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەنبەدۇر.
تەڭرىتاغ مۇزلۇقىنى كۆزىتىش پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىنىڭ 1 - نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى ئېرىپلا قالماي، رايوندىكى پۈتۈن مۇزلۇقلار ئېرىشكە يۈزلەنمەكتە. دوكتور پەيزۇللا مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتىنى توختىتىش ياكى بولمىدى دېگەندە ئاستىلىتىش ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،
تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنى كۆزىتىش پونكىتىنىڭ دوكلاتىدا 1964 - يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ % 20 ئى ئېرىپ بولغانلىقىنى شۇنداقلا ياز پەسلىدە ئېرىمەيدىغان تاغ چوققىلىرىدىكى قار بەلۋاغلىرىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە 60 مېتىر ئازايغانلىقىنى ۋە تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى ئاخىرقى 20 يىلدا % 10 ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)
