ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى


2005.11.07

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى 1967 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ قۇرۇلغان رايۇنلۇق تەشكىلات. ئۇنىڭغا تايلاند، ۋېيتنام، مالايسىيە قاتارلىق 10 دۆلەت ئەزا.

ۋاشىنگتوندا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور شەلدون سىمون ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىگە قارىتا "دوستانە گۇمان پوزىتسىيە" سىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ دېگەنلىك، ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى خالىسىمۇ، ئەمما، مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ئۆزلىرى كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلىشىدىن گۇمان قىلىدىكەن.

تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي رولىغا بولغان گۇمانىي قاراش

شەلدون سىمون ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1997 - يىلى ئاسىيا ئىقتىسادىي كرىزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ قارالغان. ئەمما 90 - يىللاردىن باشلاپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، بىر يۈرۈش رىقابەتلەرگە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرالمىغان.

ئاسىيادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىستا، ھىندونېزىيىدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە شەرقىي تېمورنىڭ مۇستەقىل بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ياخشى ھەمكارلىشالمىغان.

خىتاي مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

شەلدون سىمون ئەپەندى يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

"شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەڭ دەسلەپ ئىتتىپاق قۇرغاندا ۋە 90 - يىللاردا كېڭەيگەندە، خىتاينىڭ ئاسىيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما كېيىن، مەزكۇر ئىتتىپاق خىتاي بىلەن تىركىشىش يولىنى تاللىمىدى. بەلكى خىتاينى ئۆزىنىڭ سۆھبەت شېرىكىگە ئايلاندۇردى. زادى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىستەۋاتامدۇ ۋە ياكى خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى مەنپەئەتىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتامدۇ؟ بۇنى يەنە كۆزىتىش كېرەك".

ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئوخشاشماسلىقلار

يىغىندا سۆز قىلغان سىنگاپور نەنياڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەۋىلىن گوھ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە نۇرغۇن ئورتاقلىقلار ۋە پەرقلەر بار. ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھېچقايسى دۆلەت خىتاينى تەھدىت دەپ قارىماي، بەلكى خىتاينى بىر رىقابەتچى دەپ قارايدىكەن ھەمدە خىتاي بىلەن ئاكتىپ بېرىش - كېلىش سىياسەتلىرىنى قوللانماقتا ئىكەن.

ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاينى ئۆز دۆلىتىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما دۆلەتلەرمۇ خىتايدىن تېگىدىغان نەپنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى:

" شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى قارار چىقارغۇچىلار ھەممىسى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتىن باشقا چارە يوقلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. خىتاينى ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت دەپ ھىسابلاۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىرت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يەنە، خىتاينىڭ رايوننىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە بولغان تەسىرىنى كۈچىيىۋاتىدۇ دەپ قاراۋاتىدۇ".

ئەۋىلىن گوھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتىسيىدە پەرقلەرمۇ بار بولۇپ، گەرچە ئۇلار خىتاي بىلەن ئاكتىپ باردى- كەلدى قىلىشنى خالىسىمۇ، ئەمما قىسمەن دۆلەتلەر ئامىرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن. يەنە بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى چەكلەشنى خالايدىكەن.

خىتاي 1996 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئۇ ھازىر مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ 6 - چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.