خىتاي دۆلەت بايرىمى بولغان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك قېرىنداشلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بىسىۋالغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ نامايىشقا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە قەيسىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارلىق كۆپلىگە كىشىلەر قاتناشتى.
; ; ; ; ; ; ;
; ; ; ; ; ; ;
; ; ; ; ; ; ;
ئۇلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك"، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقالسۇن"، رابىيە قادىر نېمىشقا ھازىرغىچە تۈرمىدە؟"، "ئۇ يەرنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان" دەپ شۇئارلارنى توۋلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.