گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2004.12.08

خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارىتىلغان 15 يىللىق قورال چەكلىمىسىنى بىر سىياسىي كەمسىتىش دەپ بىلدۈرمەكتە ۋە شۇنىڭدەك دەرھال ياۋرۇپا بىرلىكىنى مەزكۇر چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قىستىماقتا.

بىراق، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇر كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، 1989 - يىلى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلىرىنى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي خەلقى قەلبىدىن ئۆچمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرى، ياۋرۇپا بىرلىكىدىن خىتاينىڭ قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 8 – دېكابىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغوللار نامايىش ئۆتكۈزدى.

تۆۋەندە نامايىشقا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالېپتېكىن، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.