تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2004-12-10
Share

بۈگۈن 10 – دېكابىر كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى. بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

namayix-200.jpg

ئەنقەرە شەھرىنىڭ غازى ئوسمان پاشا مەھەللىسىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 400 كىلومېتىر يولنى بىسىپ تۈركىيىنىڭ قەيسىرىدىن ۋە ئەنقەرە شەھىرىدىن كەلگەن يۈزلەرچە نامايىشچىلار قاتناشتى.

نامايىشقا يەنە تۈركىيىدە 350 مىڭغا يەقىن ئەزاسى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيغۇرمىسى باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قاتناشتى. بىرجان ئاقيىلدىز نامايىشقا كەلگەنلىكىدىكى مەقسىتىنى سۆزلەپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىنسان قىلىپىدىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

نامايىشچىلار "شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، "ئۇيغۇر تىلى ئۆلمىسۇن"، "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇخلىما" دېگەندەك شۇئارلارنى تولاپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت