0:00 / 0:00
شەنبە كۈنى، تىبەت بۇددىزم تەشكىلاتى، تىبەت ياشلار تەشكىلاتى، گېرمانىيە تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نامايىشقا تىبەت ئۇيغۇر خىتاي قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
نامايىشقا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى كۈرەش كۆسەن ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە توختالدى.