
توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە خىتاي توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەھدىدىگە قارشى ئاممىۋى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى.
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەھدىتىگە قارشى ئاممىۋى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى.
نامايىشقا قاتناشقان ئىشچىلار "خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى توختىتايلى"، خىتاي ماللىرىغا قارشى سەددىچىن ياسايلى" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
ئىستانبۇلدىكى كىيىم – كېچەك ساھەسىدىكى تەشكىلات جەريانىدا ياۋروپا بىرلىكىگە فاكس يوللاپ، 25-ئاپرىل ئىچىلىدىغان يىغىندا خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدىغان قارار ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىش يېتەكچىلىرى سۆزلىرىدە خىتاي ماللىرى سەۋەبىدىن بۇلتۇر ياۋروپادا 165 مىڭ كىشىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقى، بۇ ساننىڭ بۇ يىل بىر مىليونغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، تۈركىيە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئۈچ مىليون ئىشچىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىدە دۆلەتنىڭ ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.