خىتاي، ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا چېتىلغان 16 كىشىنى قولغا ئالدى


2005.04.26

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ يەنە 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنىدىمۇ ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ "ياڭزى كەچلىك گېزىتى" بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 20 ياشلىق شيا فامىلىلىك بىر ياشنىڭ ئىنتېرنېتتە خىتايدىكى ھەر قايسى ئوقۇغۇچىلارنى 1 - ماي كۈنى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئىنتېرنېتتە ھەتتا نامايىش جەريانىدا پارتلاش ۋەقەسى سادىر قىلىش توغرىسىدىمۇ سۆز قىلغان.

"مەن بىرنېمە دېيەلمەيمەن"

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ياڭجۇدىكى بىر ئىنتېرنېت تورخانىسىدا شيا فامىلىك بۇ ياشنى قولغا ئالغان ھەمدە ھازىرغىچە بۇنىڭغا چېتىلغان 40 نەچچە كىشىنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 16 سىنى رەسمىي قولغا ئالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ياڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما بۇ يەردىكى نۆۋەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بىر نېمە دىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزنىڭ ئەتە قايتا تېلېفون قىلىپ ئىنتېرنېتنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىكى خادىملار بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى بىلدۈردى.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما نامايىشنىڭ چوقۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغان ئاساستا قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ج خ ئىدارىلىرى يەنە، خەلقنىڭ ئۆز ئالدىغا نامايىش ئورۇنلاشتۇرماسلىقى ھەمدە ئىنتېنېتتە ياكى قول تېلېفوندا بولسۇن نامايىش قىلىشقا قۇترىتىدىغان ھەر قانداق چاقىرىقلارغا ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئوخشاش بولمىغان ھېسسىيات

- بۇ ئىشلارغا مەن ئانچە قىززىقمايمەن. -سىز ھازىر نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىققا قارىتا قانداق ھېسياتتا بولىۋاتىسىز. -ئادەتتىكىدەك. ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، ئۇنىڭغا سالىۋات ئەمدى. -سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا سىزدەك ئويلايدىغانلار كۆپمۇ؟ -خېلى كۆپ. ئۇ دېگەن ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئەمەسمۇ. مېنىڭچە ئۆچ ساقلاش ياخشى ئىش ئەمەس. بىز يەنە بىر نەنجىڭلىق پۇقرادىن ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى. -مەن شەخسەن ئۆزەمنى ئېيتسام، قاتنىششىم مۇمكىن. -سىز ھازىر نەنجىڭ چوڭ قىرغىچىلىقىنى ئويلىسىڭىز قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ -ئۆچمەنلىكىم قوزغىلىدۇ. -ئەتراپىڭىزدا سىزدەك ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلار كۆپمۇ؟ -ھەئە، كۆپ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسى

ئىنتېنېتتە چىقىدىغان " چوڭ پايدىلىنىش گېزىتى" نىڭ باش مۇھەررىرى لى خوڭكۇئەن، ئەسلى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، كىشىلەرنىڭ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ئاساسلىقى نامايىشنى كونترول قىلالماسلىقتىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنى نامايىشقا چىقماسلىقىنى ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن چىقىش قىلغاندا، خىتاي ئاساسلىقى نامايىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ".

لى خوڭكۇئەن سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ نامايىشى ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى خالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، نامايىشنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايدىكى كەمبەغەللەر ۋە بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە چىرىكلىككە ئوخشاش دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.