شۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2005.05.06
6-ماي كۈنى، شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولم شەھىرىدە "ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتى تەھرىراتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىتتىپاقتىن چېكىڭەنلەر سانىنىڭ بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشقا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى، فالۇنگوڭچىلار، تىبەت ۋە موڭگۇل پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن نامايىش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، ئاتاقلىق ناخشىچى كۈرەش كۈسەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى سورىدى.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىۋىتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- كانادادا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكىدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى