شۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

6-ماي كۈنى، شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولم شەھىرىدە "ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتى تەھرىراتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىتتىپاقتىن چېكىڭەنلەر سانىنىڭ بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى، فالۇنگوڭچىلار، تىبەت ۋە موڭگۇل پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن نامايىش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، ئاتاقلىق ناخشىچى كۈرەش كۈسەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى سورىدى.