700 دىن ئوشۇق خوڭكوڭلۇق يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئارىلىنىڭ شەھەر ئىچىدە يول بويى نامايىش قىلىپ مېڭىپ، خوڭكوڭ مەمۇرىي ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغىچە كەلدى.
نامايىشچىلار يول بويى "سۆز ئەركىنلىكىنى قوغدايلى، ئېلېكتىر دولقۇنى قويىۋېتىلسۇن" دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ ماڭدى ھەمدە خوڭكوڭدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خۇئاڭ يۈمىڭنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. خۇئاڭ يۈمىڭ خوڭكوڭ سودا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىياسىي ئېقىم مەسىلىلىرى پروگراممىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى بولۇپ، ئۇ پروگراممىسىدا داۋاملىق خوڭكوڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلاتتى. لېكىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېخنىكا سەۋەنلىكىنى باھانە قىلىپ، خۇئاڭ يۈمىڭ بىلەن تۈزگەن خىزمەت توختامىنى بىكار قىلدى.
سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى-خەلق ئۆزى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان نەرسە.
شۇنداقلا بۇ قېتىمقى نامايىشقا خۇئاڭ يۈمىڭ ئۆزىمۇ قاتنىشىپ، گەرچە ئۆزى ھازىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆز كۆز قارىشىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇئاڭ يۈمىڭ سۆزىدە، سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ، چوقۇم كىشىلەر ئۆزى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ھازىرقى خوڭكوڭدا ھەتتا تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپى بار بولغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خوڭكوڭدىكى سۆز ئەركىنلىكى بوشلۇقى بارغانسېرى كىچىكلىمەكتە
خوڭكوڭدىكى مۇخبىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تەن زىچياڭ بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1997 - يىلدىن كېيىن يەنى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭنىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى بوشلۇغىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەممە خوڭكوڭلۇقلارغا ئايدىڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"خوڭكوڭدىكى سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ھازىر تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىققۇ. بىز تېخى يېقىندا خوڭكوڭدىكى سۆز ئەركىنلىكى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدۇق. ئۇنىڭدا خوڭكوڭدىكى سۆز ئەركىنلىك بوشلۇقىنىڭ ئېنىق ھالدا كىچىكلىتىلگەنلىكى يېزىلغان. بۇ، ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت. ھازىر پۈتۈن جەمئىيەت كەيپىياتى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچارلاپ كەتتى".
ئۇ يەنە، نۆۋەتتىكى رادىئو تارقىتىش تېخنىكىسى بويىچە، تېخىمۇ كۆپ قانالنى ئېچىۋېتىشكە ھەمدە ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى بوشلىغىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تامامەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تېلېۋىزىيە تېخنىكىمىزدىن قارىغاندا، ھازىرلا 50-60 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىنى ئېچىشقا بولىدۇ. لېكىن ھۆكۈمەت بۇنداق قىلماستىن ھازىرغىچە، بۇرۇنقى ئەنگلىيە مۇستەمىچىلىكى ۋاقتىدىكى كونا ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا خەلقنىڭ ھازىر ‘ئېلېكتىر دولقۇنى قويىۋېتىلسۇنئ دەۋاتقىنى شۇ. چۈنكى قانچە كۆپ ئۇششاق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بولسا سۆز ئەركىنلىكىمۇ شۇنچە جىق كاپالەتكە ئىگە بولمامدۇ".
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بىلەن قاشىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ
دوكتور تەن زىچياڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى تېلېۋىزىيە ئىستانسا قانىلىغا ئوخشاش بۇنداق ئاممىۋىي مەنبەنى توساپ قالغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشىگە ئاسان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن قارشىلىشىپ قالماسلىققا پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، خوڭكوڭدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ھۆكۈمەت بىلەن ھەر 6 يىلدا بىر توختام تۈزىدىغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنى كونترول قىلىشتىكى چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ھازىر خوڭكوڭدا 3 چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھۆكۈمەتكە قارايدىكەن، قالغان ئىككىسى بولسا چوڭ مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن. (پەرىدە)