گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش


2005.10.02

1 - ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 56 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيىدىكى نامايىش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەركىۋىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر قاتناشقان.

نورۋىگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا نامايىشنى نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشقا 100 لەرچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە، تۈركلەر، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە ئىران تۈركلىرىمۇ قاتناشقان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.