تۈركىيە ۋە شۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش


2005.10.03
1.gif
نامايىشلاردىن كۆرۈنۈشلەر

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر بولۇپ 400 ئەتراپىدىكى كىشى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلدى، تۈركىيىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بەردى.

نامايىشچى ئامما يەنە خىتاي بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقان پاكىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولمدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ۋە شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.