0:00 / 0:00
خىتاي رەئىسى خۇجىڭتاۋ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى داۋاملاشتۇرۋاتقان بىر پەيتتە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى بېرلىن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇردى، شۇلارنىڭ قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئەزالىرىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاشنى، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە يەتكۈزىدۇ.