تۈركىيىدىكى شەرقىي تۇركىستان تەشكىلاتلىرى ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزدى


2005.12.12
insan-heqliri-kuni.jpg
نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش تېخىمۇ كۆپ رەسىم>>

تۈركىيىدە 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ 47-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئەنقەرەنىڭ مەركىزى رايونى بولغان قىزىلايدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتتە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنىپ، "شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى بىلەمسىز؟" دېگەن تېمىدا تەشۋىق ماتېرىيالى تارقىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە پارلامېنتىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش قول قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئەتىگەن سائەت 11دىن كەچقۇرۇن سائەت 4 كىچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە، تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، كونا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاۋام خەلق بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.