ميۇنخېندا ئۇيغۇرلار تېررورچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، خەلقى ۋە مەتبۇئاتلىرى ئىراقتا تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇرۇپ كېتىلگەن ميۇنخېنلىق ئارخېئولوگ سۇزان خانىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، 13-دېكابىر كۈنى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى روھىنى ئىپادىلەپ، يەرلىك خەلقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ پروگرامممىسىدىن ئاڭلاڭ.