0:00 / 0:00
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۈگۈن 5-ئاينىڭ 23- كۈنى، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ھەم ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ۋە ۋە ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئۆز ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. بۇ نامايىشقا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن كادىرلار ئويۇشمىسى ۋە ھەر قايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قەيسەرى، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.