شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامايىشقا قاتناشتى

0:00 / 0:00
qeyseride-namayish1.jpg

تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قەيسىرى شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا زور كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشى قاتناشقان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بۇ زور كۆلەملىك نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، جەمئىيەت باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ھەم سوز قىلغان.

بىز بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىئايرى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان جوئۇرنالىست ۋارىسجان ئەپەندىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى.