جياڭشىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئىسيان كۆتەردى


2006.10.26
Car_crowd02_200.jpg
24 – ئۆكتەبىر كۈنى جياڭخىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتا دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن ماشىنا.

خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىدىكى جياڭشى گەنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى بىلەن نەنچاڭ كىيىم ‏- كېچەك لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تېخنىكوم كەسپىي كۇرسىدا ئوقۇيدىغان ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسيان كۆتىرىشىگە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكوم دىپلومى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى سەۋەبچى بولدى. خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى بۇ ئىككى كەسپىي ئالىي مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكوم كەسپىي كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالىي تېخنىكوم كەسپىي دىپلومى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرىدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، سەيشەنبە كۈنى يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. لېكىن يىغىلىش ناھايىتى تېزلا ئىسيانغا ئايلاندى.

نامايىشچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قوراسىدىكى ماشىنا ۋە مەكتەپ ئەسلىھەلىرىنى ئۇرۇپ - چاققان. لېكىن ئوقۇغۇچىلار، ئۇرۇش - چېقىش ۋەقەلىرىنى جەمئىيەتتىكى كىشىلەر پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دائىرىلەر قوراللىق ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىسياننى باستۇرماقچى بولغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاز دېگەندە 20 كىشى يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن.

مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە مەركىزى، 5 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، نامايىشچى ياشلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2000 دەكىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىگەن.

نامايىشچىلار جياڭشىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردە يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئوخشاش ۋەزىيەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يەكشەنبە كۈنى نەنچاڭ شەھەر مەركىزىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرماقتا. بىز نەنچاڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئالاقە قۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

"بۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق"

Door_fire150.jpg

جياڭشى گەنجياڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر مانجۇ قىز ئوقۇغۇچىسى ۋەقەنىڭ مىللىي مەسىلە بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى. گەنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ قىز،" بۇ ۋەقە دىپلوم مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقە. بۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق" دەيدۇ.

جياڭشى كىيىم - كېچەك لايىھىلەش كەسپىي ئىنىستىتۇتىدىكى بىر خىتاي قىز ئوقۇغۇچىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىشىچە، مەزكۈر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار دۈشەنبە كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈۋېلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكوم كەسپىي دىپلومىنى دۆلەت ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە ئەتىسى مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، نامايىشنىڭ تېزلا ئىسيانغا ئايلانغانلىقىنى ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەكتەپ قورۇسىغا كىرىپ، ئۇرۇش - چېقىش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قىز، " ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى. كېيىنچە ئەتراپتىكى پۇقرالار مەكتەپ قورۇسىغا كىرىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. كومپيۇتېرلار چېقىۋىتىلدى. قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلى بىئارام، ئوغۇللار قولىغا ياغاچ توقماقلارنى ئېلىپ بۇلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. قىزلار كېچىچە ئۇخلىيالمىدۇق. كېيىنچە بىر قانچە يۈزلىگەن ساقچىلار يېتىپ كەلدى. بۈگۈن ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىدى " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەكتەپنىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈۋىتىلگەن، قول تېلېفونى ئالاقىسى قىيىنلاشقان. ئۇ، ۋەقەدە بىر قىسىم بۇلاڭچىلار ۋە شۇ قاتاردا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن قولغا ئېلىنغانلار ياكى يارىلانغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بار - يوقلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. يۇقىرىقى قىز، ساقچىلارنى مەكتەپ قورۇسىغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى باستۇردى، لېكىن بۇلاڭچىلارنى كۆرمەسكە سالدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

بىر ئوقۇغۇچى: ھەر ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى چۈشەنمىگەن

School_fire200.jpg
ئوقۇتۇش بىناسىدا ئوت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار يەكشەنبە كۈنى نەنچاڭ 1 - ئاۋغۇست مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جياڭشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئوقۇتۇش سالاھىيىتىدە مەسىلە بار مەكتەپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان. گەنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدىكى مانجۇ قىزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەرەپلەر دىپلوم مەسىلىسىدە بىر ‏- بىرىنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، "مېنىڭچە ھەر ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى چۈشەنمىگەن. ئوقۇغۇچىلاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماي تۇرۇپلا دىپلومغا ئېرىشىش خىيالى بار. بۇ يەردە ئىشنىڭ ئاسىنىغا يۈگرەشتەك روھى ھالەت مەۋجۈت. مەكتەپ تەرەپمۇ ئەھۋالنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن. شۇڭا بۇ ماجىرا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر ‏- بىرىنى چۈشەنمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارايمەن " دەيدۇ.

نەنچاڭدىكى بىر شەخسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا ئەسكەرتىشىچە، نەنچاڭدا بۇ تۈردىكى مەكتەپلەر پۇلنى كۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلماقتا. ئۇ، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ھەر بىر ئوقۇغۇچى 40 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن كېلىشى كېرەك. بۇ ئاز كېلىپ قالغاندەك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرمۇ بۇ خىل كۇرسلارنى ئېچىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. كىشىلەر بۇنى ناھايىتى رەھىمسىزلىك، بەكمۇ رەھىمسىزلىك، دەۋاتىدۇ. مەن ئىچكىرىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ بۇنى پاش قىلمايۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم " دەپ كۆرسەتتى. بىز يۇقىرىقى ئىككى ئالىي مەكتەپتىكى ۋەقە توغرىسىدا شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسى ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى شۇنداقلا ۋەقەنىڭ راست -يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.