رابىيە قادىر خانىم تورونتودا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشتى


2006.12.10
namayish-kanada-200.jpg

10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، كانادا، شۋېتسىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق بىر قىسىم مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىلىكى ۋە ياكى كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدى.

10-دەكابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى نامايىش تەشكىللىدى. بۇنىنغا ۋاشىڭتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلىنىپ، 2سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىن بەرگەن خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 10-دەكابىر كۈنى تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇنىڭدەك تىبەتلەر ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر نامايىشقا كانادادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سىدىق ھاجى روزى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.