خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى نامايىشقا دۇچ كەلدى
2007.06.08
خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى شۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 6 - ئاينىڭ7- كۈنى يەنى خۇ جىنتاۋنىڭ شىۋېتسىيەگە كېلىش ھارپىسىدا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇردى.
نامايىشقا قاتناشقان تەشكىلاتلار
نامايىشقا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى شۋېتسىيە شۆبىسىدىن باشقا يەنە، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، شۋېتسىيە موڭغۇل كومىتېتى، شۋېتسىيە تىبەت كومىتېتى، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە فالۇنگوڭ تەشكىلاتى قاتناشتى.
بۈگۈنكى بۇ نامايىشتا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئۆز تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقاتتى. بۇلاردىن سىرت شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيىلەردىن يېشىللار پارتىيىسى، خەلق لىبېراللار پارتىيىسى، سېنتېر پارتىيىس، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارلىق بىر قىسىم پارتىيىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ -ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتلارنى بەردى ۋە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە چوقۇم خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ب سىلسىيە خانىمنىڭ سۆزى
شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى خەلق پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ب سىلسىيە خانىم شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: ¨خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىكتاتور دۆلەت، ئۇ يەردە پۇقرالارنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس، ھەممە نەرسە كوممۇنىستىك پارتىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ھەتتا كىشىلەرنى كوممۇنىستىك پارتىيە نېمىنى ئويلىغان بولسا شۇنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ يەردە يىلدا نەچچە مىڭ كىشى بىگۇناھ ھالدا ھېچقانداق ئادىل سوت تەرتىپى بولمىغان ئەھۋالدا تۈرمىلەردە ياتىدۇ. ناھەق ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن. كىشىلەر خالىغانچە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىدىن ياكى ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىدىن پايدىلىنالمايدۇ."
ب سىلسىيە خانىم يەنە، "ئۇ يەردە -ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئېتنىك مىللەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدىن،مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىش ياكى ئۇلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقۇقى يوق،" دېدى.
نامايىش جەريانىدا سىلسىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ مەلۇماتى بولمىسىمۇ، ئەمما شۋېتسىيە پارلامېنتىدا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتىرىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (يالقۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى تەنقىد قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن بولغان تارىخى خاراكتېرلىق ئۇچرۇشۇشنى تۈگۈتۈپ ئامېرىكىغا قايتتى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى
- رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى
- قاراماي شەھىرىدە پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلار نامايىش قىلدى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا
- رابىيە قادىر MIT ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى
- ياۋروپا بىرلىكى ئۇيغۇرلاردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ؟
- گەنجياڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تاماق تاشلىدى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى
- ياۋرۇپا پارلامېنتىغا تۆكۈلگەن كۆز يېشى
- د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى