ئامېرىكىدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارنى ئېلىپ باردى.

"ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى" نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەرنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەدىن ئاڭلاڭ.