خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

10- دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى، ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك باغچىدا ئەتراپنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئائىت ئۈزۈندىلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۈن"، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، "نومۇسسىز خىتاي ھۆكۈمىتى"، " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىدىئام قىلىشنى توختاتسۇن" دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقىنىغا 30 يىل بولغان، 1933 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاۋىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن، ئۇيغۇر مۆتىۋىرى ئەدھەمجان ئەپەندى، ئامېرىكىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بارلىق نامايىشلارنىڭ بىرىنىمۇ بوش قويمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامايىش جەريانىدىكى جەڭگىۋار روھى، نامايىش ئەھلىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ۋىرگىنىيە، ماريلاند شىتاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى. مەزكۇر نامايىش ئىككى سائەت داۋاملاشتى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىمۇ نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يەردىكى نامايىشمۇ جۇشقۇن ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن تۈركلەر قاتناشقان. نامايىشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازلىق بىلدۈرگەن تىبەتلىكلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار سانى 500 دىن ئارتۇق ئىكەن.