گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2004.12.10
10 – دېكابىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار گېرمانىيىنىڭ مۇئېنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشقا موڭغۇللارمى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشچىلار "ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق"، "خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شېھدلارنى ئەسلەپ كېپەنلەرنى كىيىپ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كىشىلەرگە ئۇقتۇردى.
گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھاد، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ۋە باش كاتىپى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، شۇنداقلا نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھاتتىن ئاڭلاڭ
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار چىڭخەيدە نامايىش ئۆتكۈزدى
- گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- قارامايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تەڭسىزلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى