گېرمانىيىدە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر نامايىش قىلدى


2006.05.03

5‏- ئاينىڭ 3‏-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، چەـئەللىكلەر مەجلىسى ۋە باۋارىيە سىياسىي پاناھلىق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنىڭ مەقسىتى ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغانلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىۋىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلەتمەك ئىكەن. نامايىشقا گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر قاتناشقان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.