گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش


2006.08.18

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۈگۈن 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

نامايىشقا گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئەر – ئايال ۋە بالىلاردىن بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى. نامايىشچىلار ئاي _ يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى جەۋلان قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، "ھۈسەيىن جېلىل قويۇپ بېرىلسۇن"، "خىتاي دۆلەت تېررورى توختىتىلسۇن"، "ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن"، "سىياسىي تۇتقۇنلار ئازات قىلىنسۇن" ... دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان ۋېۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

نامايىشچىلار "ياشىسۇن مۇستەقىللىق!، ياشىسۇن دېموكراتىيە!، ياشىسۇن ئىنسان ھەقلىرى! ۋەتەن بىزنىڭ! خىتايلار چىقىپ كەتسۇن!" .. دېگەندەك شۇئارلارنى ئۈزمەي توۋلاپ، خىتاي كونسۇلى ئالدىنى لەرزىگە سالدى.

نامايىشچىلار ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالىم، ئابلىكىم، قاھار قاتارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ۋە بىگۇناھ قولغا ئېلىنغان نۇرمۇھەممەت ياسىن، توختى موزارت، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، ئەيسا ھۈسەن قاتارلىقلارنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلەر بويۇنلىرىغا يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنى ئېسىۋالغان ئىدى. بۇ قېتىمقى نامايىش گېرمانىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 12 گىچە داۋام قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نورۋەگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم ۋە نورۋېگىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسەمەتتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.