گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2006.06.09

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، توختى مۇزارت، نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە باشقا بىگۇناھ تۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتى.

نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.