ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ب د ت ئالدىدا خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00
namayish-newyork.jpg
نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش

باش شىتابى نيو يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ب د ت نىڭ نيو يوركتىكى بىناسىدا يىغىن ئاچماقتا. بىنا سىرتىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش قىلماقتا.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كانادا ۋە مېكسىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 13 – سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نەۋ يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە كېچىلەپ نيو يوركقا يېتىپ بېرىپ، نيو يورك ئەتراپىدىكى جايلاردىن نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن"، "سىياسىي جىنايەتچىلەر قويۇپ بېرىلسۇن"، "بىزگە مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك كېرەك" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلىشتى.

نامايىشقا ئامېرىكىدىكى پېشقەدەم شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن ئەدھەمجان، گۇلامىدىن پاختا قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.