كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

10- دېكابىر كۈنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىشنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن كانادادىكى تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تىبەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، شوئارلارنى توۋلاشتى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ