كانادادا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2005.02.04

1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارنى ئېلىپ باردى.

كانادادىكى نامايىشچىلار، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"،" ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق"، "رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلسۇن" دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىشىپ، تورونتودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.