نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش

0:00 / 0:00
namayish-oslo-200.jpg
ئوسلودىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. RFA/ئابدۇسەمەت

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغان نورۋېگىيىلىكلەر، فالۇن گۇڭچىلار، دېموكرات خىتايلار ۋە تىبەت ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئالاھىدە تەكلىپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.

كۆپ تەرەپ قاتناشقان نامايىش

پائالىيەت ئۇيشتۇرغىچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە 9 باھا" دېگەن ئەسەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، كۈچىيىشى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدىكى ئالدامچىلىق، زوراۋانلىق بىلەن تولغان رەزىل ماھىيىتى ۋە خەلقنىڭ قان-قەرزى بىلەن بوغۇلغان فاشىستلىق تارىخى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرى بىلەن خىتايدىكى كوممۇنىست پارتىيىگە ئالدانغان ۋە ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەلگەن سانسىزلىغان كىشى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاخىرى تونۇپ يەتكەن ۋە نەتىجىدە مۇشۇ قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە خىتايدا 16 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆزلىكىدىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چېكىنگەن! بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بەرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۆزى ۋە چەتئەللەردىكى دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى خىتايلار ۋە خەلقئارادا بىردەك خىتايدىكى دېموكراتىك ئىلگىرلەش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆلۇم سىگىنالى دەپ قارالغان.

نامايىشچىلار قوشۇنى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ تۈرلۇك لوزۇنكا ۋە پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار قوشۇنى كۆتۈرۈۋالغان پىلاكاتلارغا "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 65-70 مىليون كىشىنى ئولتۇردى"، "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدن دەرھال چېكىنىپ چىقىڭ!"، "كوممۇنىست پارتىيە فالۇنگۇڭغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختات"، "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆلۇم كۈنى يېقىنلاشتى"، "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدن چېكىنىپ چىققان 16 مىليون كىشىنى قوللايمىز!" دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان، ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ۋەھشى قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن چاغدىكى قارىسا بەدەننى شۈركەندۈرىدىغان ئېچىنىشلىق سۈرەتلىرى يېپىشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر نامايىش داۋامىدا ناميىشقا يىغىلغان نورۋېگىيىلىكلەر، خىتايلار ۋە تىبەت ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئادەتتىكى خىتاي خەلقى يالغۇز كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇلۇمى ھەم كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللى زۇلۇمىدىن ئىبارەت قوشلاپ زۇلۇم تارتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان 57 يىل داۋامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ "مىللى بۆلگۈنچى"، "دىنىي ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر"، دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى ھەمدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى نامايىش قاتناشچىلىرى ۋە باشقا نورۋېگىيىلىكلەرگە تارقاتتى.

بىردىن بىر يول كوممۇنىست پارتىيەنى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈش

بىز بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىرەك بىلىپ بېقىش ئۈچۈن پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۇچىسى "خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق" تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى Peder Giertsen ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق:

"بۇگۈنكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتىن ئاساسى مەقسىتىمىز، جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان 16 مىليون كىشىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىش، جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئادىمىيلىككە، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە قارشى زوراۋانلىق ماھىيىتىنى شۇنىڭدەك جۇڭگودا ئوز پۇقرالىرى ئۇستىدىن سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشتىن ئىبارەت. كوممۇنىست پارتىيە جۇڭگودا قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 65 مىليوندىن 70 مىليونغىچە بىگۇناھ كىشىنىنى ئولتۇردى. بۇ فاشىست گىتلېر ۋە ستالىنلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ئادەملىرىنى قوشقاندىنمۇ كوپ. مېنىڭچە جۇڭگودىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ بىردىن بىر يولى كوممۇنىست پارتىيەنى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈش، باشقا يول يوق!"

بىز يەنە، ئەسلى ئامېرىكىدىن كەلگەن ھازىر شۋېتسىيىنىڭ ستوككھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېھمان پروفېسسور سۈپىتىدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي پروفېسسور ئەرپىڭ زھاڭنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايتى زور، بۇ يالغۇز بىز خەنزۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زۇلۇمىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ھەر خىل دىنىي گۇرۇپپىلار ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك. بىزنىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئورتاقلىقىمىز بار. مەنچە بۇ جەھەتتە بىز بىر-بىرىمىزنى قوللىشىمىز، ھامكارلىشىھسىمىز كېرەك".

خەنزۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلار بەك ئاز

ئۇ يەنە "ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانچىلىك بىلىسىز؟" دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپمۇنداق دېدى:

"مەن ئۇيغۇرلانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ياخشى بىلىمەن، ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقىلىرىمىز بار. مەن بىر قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە قاتناشقان. مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قارىشىم كۆپچىلىك خەنزۇلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشىنى قوللايمەن ۋە مۇستەقىللىق غايىسىگە ھۆرمەت قىلىمەن. مېنىڭچە ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئوز زېمىنىدە ئەركىن ياشاش ھەققى بار. ئەپسۇسكى خەنزۇلار ئارىسىدا مەيلى ئادەتتىكى ئادەملەر بولسۇن ياكى دېموكراتچىلار بولسۇن ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغانلار بەك ئاز، بەزىلىرى شۇنداق ئويلىسىمۇ ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قورقىدۇ".

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نامايىشچىلار قوشۇنى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن شەھەر مەركىزىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىغىچە بولغان ئۈچ كىلومېتىرچە يولدا كوچا يۈرۈشى قىلغاندىن كېيىن، پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئۇلار ئوز نۇقتىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاددى خىتاي پۇقرالىرى، فالۇن گۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى پاكىتلىرى بىلەن پاش قىلدى. بۇ جەرياندا سۆزگە چىققان "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى" تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى Peder Giertsen ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، 2004-يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قىيىن-قىستاقلار ھەمدە ئادالەتسىز سوت ھۆكۈمگە دۇچار بولغانلىغىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. (ئابدۇسەمەت)