شىۋېتسىيىدە خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى


2007.06.11

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى 6‏-ئاينىڭ 8‏-كۈنى ستوكھولم ۋاقتى سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئارلاندا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىشى بىلەن رەسمىي باشلانغان ئىدى. شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ئايرودرومدا كۈتۈۋېلىشنى ئانچە ھەشەمەتلىك ئورۇنلاشتۇرمىغان بولۇپ، خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىشقا پەقەت شۋېتسىيە شاھزادىسى فىلىپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارىل بىلىد قاتارلىقلار چىققان.

خىتاي دۆلەت دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ شۋېتسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 57 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى

بۇ ئارىدا شۋېتسىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەر ۋە تور بەتلىرى ئارقا ئارقىدىن ماقالىلار ئېلان قىلىپ، گەرچە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبىرىنىڭ شۋېتسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 57 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولسىمۇ ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى چوقۇم تەنقىد قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئىسپاتلىق ماتېرىياللار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

6‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى چۈشتە شۋېتسىيە پادىشاھى كارىل گوستاپ 16 ئۆزىنىڭ ستوكھولىمدىكى سارىيىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىن تاۋنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. خۇ جىنتاۋنىڭ خان سارىيىغا كىرىش ھارپىسىدا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جامائەتنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ¨خۇ جىنتاۋ قاتىل ، خۇ جىنتاۋ دىكتاتور، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن ¨دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتىرىپ چىققان .

جىنتاۋ شىۋېتسىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى شۋېتسىيىدىن نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بولۇشىنى توسۇش ھەققىدە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن

بۇ ئىش نەق مەيداندىكى مىڭلىغان شۋېتسىيىلىكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بەس بەستە بۇلارنى كامىرالارغا چۈشۈرۈۋالغان. بىراق، بۇ پەيتتە ئامانلىق ساقلاۋاتقان شۋېتسىيە ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنى مەجبۇرى نەق مەيداندىن كەتكۈزىۋەتكەن.

شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ شىۋېتسىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى شىۋېتسىيىدە ئۆزىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بولۇشىنى توسۇش ھەققىدە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن. دەل شۇ كۈنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار خۇ جىنتاۋ چۈشلۈك زىياپەتكە كەلگەن شۇ پەيتتە خان سارىيى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئارىلىقىدىكى مەيداندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

نامايىش ئەھۋالى شۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ 4 قانىلىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۈتىۋېلىنىۋاتقان ئەھۋاللار بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇ جىنتاۋغا قاراتقان ئىككىنچى قېتىملىق نامايىشى

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقانلىقىغا خېلى يىللار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئۇچۇر بېرىلىشى ئىكەن.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە رايىنى ئىپادىلەيدىغان شۋېتسىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان ¨كۈندىلىك خەۋەرلەر ¨گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خۇ جىنتاۋغا قاراتقان نارازىلىق نامايىش ھەققىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى نامايىش شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇ جىنتاۋغا قاراتقان ئىككىنچى قېتىملىق نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.