0:00 / 0:00

1997 - يىلى 5 - فېۋرالدىكى، غۇلجا ئۇيغۇر ياشلىرى تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغانلىقىغا 8 يىل بولدى. شۇندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى دېگۈدەك تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلدى. بۇنىڭ قاتارىدا بۇ يىلمۇ، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى قايتا ياد ئەتتى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.