تۈركىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش


2006-06-09
Share
نامايىشتىن كۆرۈنۈشلەر

مەركىزى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، تۈركىيىدە پائالىئەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئانكارا شۆبىسى بۈگۈن 6-ئاينىڭ 9 - كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشنىڭ ئاساسى تېمىسى تۈرمىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسۇن ۋە ئۇيگۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى قويۇپ بېرىلسۇن ئىدى. بۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئىستانبۇلدا يېڭى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىككى شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشلارغا كوپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار ۋە قازاق، قىرغىزلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

ئەنقەرەنىڭ گازى ئوسمان پاشا مەھەللىسىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقى ۋە شۇئار لوزۇنكىلىرىنى كوتۈرۈشىۋالغان نامايىشچى ئامما بىلەن لىق تولغان. ئۇيگۇر ۋە تۈركلەردىن تەركىپ تاپقان 100 لەرچە كىشى "تۈركىستانغا ئەركىنلىك، ئىشغالچى كوممۇنىست خىتايلار تۈركىستاندىن يوقال، تەررورىست ۋاڭ لەچۇان شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا مەتبۇئات باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتنامىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

دۆلەتنىڭ سىرىنى چەتئەللىككە بەردى، دەپ 8 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن رابىيە قادىر 6 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 2005-يىلى 3 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئىكى بالىسى خىتاي خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. رابىيە قادىر خانىم شەرقىي تۈركىستان ئىنسانە ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيگۇر بىرلىكىنىڭ باشلىقىدۇر. رافتو ئىنسانە ھەقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىگۇناھ بالىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ قانچىلىك ۋەھشى ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. بۈگۈن ئونمىڭلارچە ئۇيگۇر بىگۇناھ يەرگە تۈرمىدە ياتماقتا. بىز دۇنيا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمىز". نامايىش جەريانىدا مىكروفونىمىزنى بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى فاھرەتتىن يوكۇش ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۈگۈنمۇ ۋە ئەتىمۇ كەلگۈسىدىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە داۋام قىلىمىز. بىز شۇنى ئارزۇ قىلىمىزكى، تۈركىيىدىكى پۇتۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولسۇن. بىز يېقىندا 120 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان تۈرك ھەمكارلىق كونسىيى رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىپ رابىيە قادىرنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. ئەگەر بىز بۇ ئىشنى قىلالىساق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خىزمەتنى قىلغان بولىمىز.

تۈركىيە ژوئۇرنالىستلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل كاراداگ ئەپەندى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

"شەرقىي تۈركىستان بىز كەلگەن يەرلەر، ئانا تۇپرىقىمىزدۇر. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيگۇرلارمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئىنسانلاردەك ئەركىن ياشاش ھەققىگە ئىگە. ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ داۋىسىنى چىن كۆڭلۈمدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە نامايىش ھەققىدە توختالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت