نامراتلار دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقى توغرىسىدا مۇلاھىزە


2007.08.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكىدا 2006 ‏- يىلى نامراتلارنىڭ نىسبىتى ئىلگىرىكى بىر يىلدىكىدىن مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئامېرىكىدا يەنە 30 مىليون ئادەم نامراتلىقتا ياشايدۇ. يەنە 47 مىليون ئادەمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق. بۇ پۈتۈن نوپۇسنىڭ %15.8 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكىدەك سانائەتلەشكەن باي دۆلەتتىكى بۇنداق نامراتلىق مەسىلىسى ھازىر كىشىلەرنىڭ دىققەت ‏- ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ' نامرات'لىق ئۆلچىمىدە يۈز ھەسسىلەپ پەرق بار

ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا 'نامراتلىق' مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان سىياسىي ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور چېن شاۋنوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى 'نامراتلار' بىلەن خىتايدىكى نامراتلار ئوتتۇرىسىدا يۈز ھەسسىلەپ پەرق بار دېيىش مۇمكىن.

چېڭ شاۋنوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتى 1 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا، ئايلىق كىرىمى 400 يۇەندىن تۆۋەن بولسا، نامرات دەپ قارىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. ئامېرىكىدا بولسا 2006 ‏- يىلى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 48 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ يىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 4 نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 26 مىڭ 140 دوللاردىن تۆۋەن بولسا، 3 نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 16 مىڭ 79 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا، 2 نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 13 مىڭ 167 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا، بىر بويتاقنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ 294 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا نامرات دەپ ھېسابلىنىدۇ دەپ مۇقىملىدى. بۇنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ 'نامرات' دېگەن ئۆلچىمىدە بىرنەچچە يۈز ھەسسە پەرق بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىدا نامراتلارغا مۇقىم ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش بار، كىرىمى نامراتلار ئۆلچىمىگە توغرا كەلگەن كىشى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشقا ئىگە بولالايدۇ. ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلچەمدىكى نامراتلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېمەك سېتىۋالىدىغان ياردەم پۇل چېكى بېرىدۇ. تۆۋەن ئىجارە ھەققى ئېلىنىدىغان ئۆيلەرنى بېرىدۇ. ياشانغانلار ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغان كىشىلەرگە دۆلەتتىن بېرىلىدىغان ياردەم پۇلغا ئىلتىماس قىلىشى مۇمكىن. ئومۇمەن، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت نامراتلارنى كۆپ جەھەتتىن يۆلەيدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا ھۆكۈمەت نامراتلارنى بۇنداق يۆلىمەيدۇ. خىتايدا 'خەلقنى قۇتقۇزىدۇ' دېيىلگەن 'سوتسىيالىزم' ئەمەلىيەتتە بار دېيىلسە ئۇ ئامېرىكىدا بار، خىتايدا يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 'نوپۇس بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق كىرىم' دېگەن سان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

پروفېسسور چېڭ شاۋنوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈندىلىك تۇرمۇش سەۋىيىسى 2 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىگەنلەر 'نامراتلار' دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئۆلچىمى. لېكىن خىتاي ئۆز ئالدىغا بەلگىلىۋالغان ئۆلچەم ئاران 1 ئامېرىكا دوللىرى. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۇرمۇش ئۆلچىمى ئافرىقىنىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن. يەنە كېلىپ، خىتاينىڭ ستاتىستىكا مەلۇماتىدىكى خىتايدا نوپۇس بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق كىرىم سانى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا نوپۇس بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم پەقەت بىر نەچچە يۈز يۇەن. ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ياردەم بەرمەيلا قالماي، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردەم بېرىشىگىمۇ يول قويمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلارغا ياردەم بەرمەسلىك ئۈچۈن نامراتلىقنى يوشۇرىدۇ

پروفېسسور چېڭ شاۋنوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا 'نامرات' دېيىلگەن كىشىلەر پەقەت بايلارغا سېلىشتۇرغاندا نامرات. ئامېرىكىدىكى نامراتلاردا خىتايدىكىدەك قوساق تويماسلىق ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. بەلكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئاپتوموبىل، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، ئۈن-سىن ئالغۇ، ئىنتېرنېت ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە دېگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھېچقايسىسى كام ئەمەس. ئەگەر ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئېلېكتىر، سۇ ، تېلېفون ھەققىنى تۆلىيەلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالسا، ئىلتىماس قىلىپ ھۆكۈمەتتىن ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.

خىتايدا 'ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش' دېگەن بەلگىلىمە بار، ئەمما بۇ پەقەت شەھەرلەردىكى كىرىمى 200 يۈەنگە يەتمەيدىغان ئائىلىلەرگىلا قارىتىلغان، بۇنداق شەھەر ئاھالىلىرىغا ھۆكۈمەت مەلۇم دەرىجىدە ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئەمما دېھقانلار بۇنىڭ ئىچىدە يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنى يۆلىمەيدۇ، ئۇنداق بولمىسا، 1959 ‏- يىلىدىن 61 ‏- يىلىغىچە 30 مىليون دېھقان ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتمەيتتى. بۇنداق ۋەقە دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بولۇپ باققان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلارغا ياردەم بەرمەسلىك ئۈچۈن نامراتلىقنى يوشۇرىدۇ ، خەلق ئىچىدىكى نامراتلىقنى يوشۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بۇيىچە 1 ‏- ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتايدىكى نامراتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى يوشۇرۇپلا قالماي، بەلكى باشقا ئەللەرنىمۇ يوشۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.