خىتايدا نامراتلار مەسىلىسى ئېغىرلاشماقتا
2005.07.08
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بويىچە يىللىق كىرىمى مىڭ يۇئەنگە يەتمەيدىغان نامراتلار سانىنىڭ 75مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئەنگىلىيە رويتېرست ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېكىتكەن خەلقئارالىق نامراتلىق ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتايدىكى ھەقىقىي نامرات ئىنسانلار سانىدا ئىنتايىن چوڭ پەرق كۆرىلىدىكەن.
خىتايدا نامراتلار 140 مىليونغا يېتىدۇ
يەنى خەلقارالىق نامراتلىق ئۆلچىمى بويىچە، بىر كۈنلۈك كىرىمى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىگەن ئىنسانلار نامرات ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا خىتايدا ئاز دېگەندىمۇ 140 مىليون كىشى ئىنتايىن نامراتلىقتا ياشىماقتا ئىكەن.
خەۋەردە ئىپادە قىلىنىشىچە گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز دەپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يىللاردىن بۇيان نامراتلىق مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلىشىپ، نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلغا ئايلانغان.
خىتايدا باي- كەمبەغەللىك پەرقى ھەم شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يېزائاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەر بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نامراتلار بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.
خىتايدا باي كەمبەغەللىك پەرقى چوڭايماقتا
شۇنداقلا خىتاينىڭ شەھەرلەر بىلەن شەھەرلەر، رايونلار بىلەن رايونلار ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان رايونلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق ھەر جەھەتلەردە بىر قەدەر كەينىدە قالغان بولغاچقا، بۇ جايلاردىكى نامراتلىق مەسىلىسىمۇ بىر قەدەر ئېغىر ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، گەرچە ئۇيغۇر ئېلى، نېفىت بازىسى، بايلىق ماكانى بولسىمۇ، ئەمما بۇ جايدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى يەرلىك خەلق يەنى ئۇيغۇرلار ئاساسەن نامرات ھالەتتە ياشىماقتا. ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەملىكەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىدىن 30 ئى ، يەنە 229 ئالاھىدە نامرات كەنتلەر بار.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە 1994 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، 2010 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلى خەلقى ئاساسەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ دېگەن پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋاللىرى ھەققىدە بېرىپ كېلىۋاتقان ئىستاتېستىكىلىق مەلۇماتلاردا، ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانچە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ دېھقانلارنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى ئىككى مىڭ يۇئەندىن ئاشتى دېگەندەك خەۋەرلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر- ناھىيىلەردە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ھەتتا بەزى يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمى 300 يۇئەنگىمۇ يەتمەيدىكەن.
خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر كىشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەمدە يىللىق كىرىمى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ كىشى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بىر يىل جاپا چېكىپ ئەمگەك قىلسىمۇ، ھوسۇل ئالغاندا تاپقان پۇللىرىنىڭ باج ۋە سېلىقلارغا تۆلىنىپ قولىدا ھېچنىمە قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بەزى ئۇيغۇرلار، بايلىق ماكانى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقى سەۋەبىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدىن كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بايلىق ئېچىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە، يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىغا بولغان كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش" نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاۋاتقانلىقى، تەبىئىي مۇھىتنى بۇلغاپ، يەرلىك خەلقلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.