خىتاينىڭ نامراتلىق ئۆلچىمى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا


2006.08.30

يېقىندا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر خىتايدا 100 مىليوندىن ئارتۇق نامرات خەلق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن شۇنداقلا خىتايدا ھازىر نامراتلىق ئۆلچىمىدىن تۆۋەن قاتلامدا ياشاۋاتقانلار سانى23 مىليوندىن ئاشقان.

خىتاينىڭ ئۆلچىمى خەلقئارا ئۆلچەمدىن كۆپ تۆۋەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارغا بولغان ئۆلچىمى بويىچە، يىللىق كىرىمى 680 يۈئەندىن تۆۋەن بولغانلار نامراتلار قاتارىغا كىرىدىكەن. يېقىندا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بۇ ئۆلچەمنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن بەكلا يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر ئۆلچەمنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ ئەمەلدارى يەنە گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلىق ئۆلچىمىنى ھازىرقىدىن ئۆرلەتكەن ھالەتتىمۇ، ئاز دېگەندە يەنە 130 مىليونغا يېقىن كىشى مەيلى يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە بولسۇن، ياكى كىيىم -كېچەك جەھەتتە بولسۇن ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغا موھتاج بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى تور بېتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ فەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلار ھەققىدە بېكىتكەن ئۆلچىمىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، " يىللىق كىرىمى 680 يۈئەن بولغان كىشىلەرنى خىتايدەك بىر دۆلەتتە نامراتلار قاتارىدا ئەمەس، بەلكى ھېچنېمىسى يوق تىلەمچىلەر قاتارىدا ھېسابلاش كېرەك. چۈنكى بۇ پۇل بىلەن جان باققانلار كۈنىگە بىر جىڭ گۈرۈچتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، توك، سۇ، كىيىم ‏-كېچەك، مائارىپ، داۋالىنىش، دېگەندەك جەھەتلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كەمبەغەللىكتىن ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن. شۇڭا بىز ئۇلارنى نامرات دېمەي، تىلەمچى ياكى قەلەندەر دېسەك بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى نامراتلارنىڭ ئاساسىي قىسمى غەربى ۋە شىمالىي رايونلارغا جايلاشقان شۇنداقلا تاغلىق رايونلاردىكى يېزا ‏- ئىگىلىك تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان جايلاردا بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى بىر قىسىم يېزىلاردا، تۇرمۇش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى دەپ ھېسابلانغان دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 1000 يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ ساندىكى دېھقانلار ھەر يىلى دېگىدەك ھۆكۈمەتكە قەرز بولۇپ قالىدىكەن شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغا موختاج بولغان دېھقانلار مۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن.

كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، خىتايدىكى نامراتلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن ھەتتا شەھەرلەردىمۇ نامراتلار مەسىلىسى ئېغىر بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان" دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلار يەنە " بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت دۆلەت كادىرلىرى بىلەن ھەربىيلەرنىڭلا مائاشىنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىدىن" دەپ بىلدۈرمەكتە.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوبزورچى سىدىق ھاجى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلار ئۈچۈن بېكىتكەن ئۆلچىمىدە، يىللاردىن بۇيان ئۆزگىرىپ تۇرغان بولۇپ، 1990 ‏- يىلى يىللىق كىرىمى 300 يۈئەندىن تۆۋەن بولغانلار، 1996 ‏- يىلى يىللىق كىرىمى 640 يۈئەندىن تۆۋەن بولغانلار، ھازىر بولسا يىللىق كىرىمى 680 يۈئەندىن تۆۋەن بولغانلار دەپ بېكىتىلگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.