ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھورۇنلۇقىدىن باي بولالمايۋاتامدۇ؟


2006.05.10

dehqan.jpg
ئۇيغۇر دېھقانلار ئۈرۈمچىدىكى بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا ئىشلىمەكتە. AFP

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا "ئاپتونۇم رايونىمىزدا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سۇبيېكتىپ ئامىللار" دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئىگىلىكى ھەمدە دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا روشەن پەرققە ئىگە ئىكەنلىكى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى شۇنداقلا بۇنىڭغا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچار بولۇشى، تەبىئىي ئاپەتلەر، شەھەر، بازارلىشىش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇچۇرنىڭ راۋان بولماسلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئوبيېكتىپ سەۋەبلەردىن باشقا، دېھقانلارنىڭ ئۆزىدىكى سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مەتبۇئاتى: دېھقانلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن، شۇڭا نامرات

ماقالىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق سۇبيېكتىپ ئامىللار دەپ "يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن، ئەنئەنىۋىي قاراش ۋە نامۇۋاپىق ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ تەسىرى ئېغىر، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى سۇس، دېھقانلاردا ئىش ياراتماسلىق، ھورۇنلۇق كەيپىياتى ئېغىر، جاپاغا چىدىماسلىق، يۇرت ‏- ماكاندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقىمۇ ئۇنىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار ئېغىر "قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا ماقالىدە دېھقانلاردىكى بۇ ئاتالمىش سۇبيېكتىپ ناچار ئامىللارغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە توختىلىپ دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سەھىيە پەن-تېخنىكىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، سىياسىي جەھەتتە ئېتىبار بېرىش، يېزا قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئالغان.

ئەمەلىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان

بىزنىڭ يېزىغا بىڭتۇەن سۇ توسۇۋېلىپ، سۇ كەلمەيدۇ، 23 توساقتىن كېيىن بىزگە سۇ كېلىدۇ. بىزدە نېمە ئامال...

ئەمما، ئۇيغۇر دېھقانلىرى داۋاملىق ئىنكاس قىلىپ كېلىۋاتقان "دېھقانلارنى ھاشاردىن بىكار قىلىش، باجنى كېمەيتىش، دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش، خىزمەتلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، سۇ مەسىلىسى، دىنىي ھەمدە سىياسىي بېسىملاردىن قۇتقۇزۇشتەك" ئەمەلىي شۇنداقلا مۇھىم ئامىللارنى بولسا تىلغا ئالمىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىدە، تۇرمۇش شارائىتلىرىدا پەرق بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭمۇ كىرىمىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى ھەمدە بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتتە غەربنى ئېچىش بورىنى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھەمدە خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دىۋىزىيىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللانغانلىقىدەك ھەقىقىي سەۋەبلەرنىمۇ تىلغا ئالمىغان.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى

مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار بولسۇن ياكى بىزگە تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھال‏ - ئەھۋاللىرىنى ئىنكاس قىلغۇچىلار بولسۇن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر سىياسىي، دىنىي بېسىملاردىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى، مائارىپ، سەھىيە ھەر جەھەتتىكى شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغىمۇ كاپالەتلىك قىلمايۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار، خىتاي دېھقانلاردىن يەر بېجى ئېلىنمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يىغىن ۋە ھاشاردىن قۇتۇلالمايدىغانلقىنى، ھاشارغا بارمىسا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ بېرىلمەيدىغانلقىنى، مانا بۇ سەۋەبلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي دائىرىلىرى "ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ 92%تىن كۆپرەكى نوقۇل ھالدا دېھقانچىلىققا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە غەيرىي يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاران 7%نى ئىگىلەيدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ 97% يېزىلاردا، بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 3% ئى شەھەر ‏- بازارلارغا كىرىپ تىرىكچىلىك قىلماقتا "دەپ، دېھقانلاردىكى بۇ خىل يەرگىلا تايىنىش ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئۇلارنى بازارغا يۈزلىنىشتە چەكلەپ تۇرغان ئامىللار ھەققىدە توختالمىغان. بۇنىڭغا قەشقەر يوپۇرغا يېزىسىدىكى بېيىغان دېھقاندىن بىرى "ئۇيغۇر دېھقانلار ھورۇن ئەمەس، باي بولۇشىغا شارائىت كەمچىل" دەپ بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.