جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتلى ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىدىغان يەنە بىر دەۋاگەر چىقتى
2008.01.31
ئۇزۇندىن بۇيان ۋيېتنام، خىتاي، فىلىپپىن، مالايشىيا، برۇنېي، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەممىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتلى ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بايان ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى تالىشىدىغان كونا دەۋاگەر دۆلەتلەر قاتارىغا يەنە بىر دەۋاگەر قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تالاش-تارتىش خەلقئارادا قايتىدىن مەيدانغا چىقتى.
جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا تەيۋەن ھەربىي ئايرودروم ياساپ بولدى
'خىتاي خەۋەر تورى'نىڭ 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29 - يانۋار كۈنى بايان ئېلان قىلىپ، تەيۋەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىدا ھەربىي خادىم تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى، يېقىندا بۇ تاقىم ئاراللىرىدا بىر ئايرودروم ياساپ پۈتتۈرگەنلىكىنى، بۇ ئايرودرومنى خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن، دېڭىز بايلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن قوللۇنىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ بۇ تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ھەربىي قىسىملىرى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا ياساپ بولغان بۇ ئايرودرومنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا، ئەگەر تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن بېرىپ قاتناشسا، بۇ ئارال توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش جىددىيلىشىشى مۇمكىن. ئەمما تەيۋەن بۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز بايلىقلىرىنى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.
فىلىپپىن بۇ مەسىلىدە تەيۋەنگە ئەمەس، بىۋاستە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى
تەيۋەن جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ س س ت ۋ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فىلىپپىن پرېزىدېنت مەھكىمىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، تەيۋەننىڭ جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا ھەربىي ئايرودروم قۇرغانلىقى، تەيۋەننىڭ C-130 بەلگىلىك ترانسپورت ئايرۇپىلانلىرى قاتناپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە 'بىر جۇڭگو پرىنسىپى' بۇيىچە، بىۋاستە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى تاپشۇرغان. بۇنىڭغا ئاساسەن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەيۋەننىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە، بىۋاستە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ۋېيتنامدا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئۆرلىمەكتە
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي -ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان قۇرۇقلۇقتىمۇ، دېڭىزدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە چېگرا توقۇنۇشى يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.خىتاي بىلەن ۋېيتنامدىن ئىبارەت بۇ ئاكا-ئۇكا كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، بۇرۇن يۈز بەرگەن جىددىي ئۇرۇشلاردىن قالغان ئاداۋەتلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر شەھەر تەسىس قىلغاندىن كېيىن، ۋېيتنامدا خەلق ئىچىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات قايتىدىن كۆتۈرۈلدى. ۋيېتنام خەلقى خەت يېزىش، تەلەپنامە يوللاش، نامايىش قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. خەلقنىڭ بۇنداق كەيپىياتىنى ھازىر ۋيېتنام ھۆكۈمىتى توسالمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالدى.
جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرى ھەققىدىكى خەۋەر ئارخىپلىرى
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، غەرب ئەللىرى 'سپىراتلى ئاراللىرى' دەپ ئاتايدىغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى 230 نەچچە ئارالدىن تەركىپ تاپقان 4 چوڭ تاقىم ئارالنى ۋيېتنام ئۆز تىلىدا 'كۇەنداۋ تروڭسا' دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى ئاراللار دەپ ھېسابلايدۇ. فرانسىيە 1933 - يىلى بۇ ئاراللارنىڭ ۋېيتنامنىڭ ئاراللىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شىمالى ۋيېتنام بۇ ئاراللارنى 1975 - يىلى 4 - ئايدا جەنۇبىي ۋېيتنامدىن ئۆتكۈزىۋالغان. 1982 - يىلى بۇ ئاراللارنى ئىدارە قىلىدىغان بىر ناھىيە قۇرغان ۋە بۇ ھەقتە دۇنياغا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان.
مالايشىيا 1978 - يىلى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدا 'ئىگىلىك ھوقۇق ئابىدىسى' تىكلەپ، بۇ ئەتراپتىكى 270 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىنى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ جاكارلىغان.
فىلىپپىن بولسا 1946 - يىلى بۇ ئاراللاردىكى 410 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاشقا باشلىغان. 1956 - يىلى بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتكەن ۋە 1978 - يىلى 1596 - نومۇرلۇق قانۇن ماقۇللىغان.
گەرچە برۇنېي بۇ تاقىم ئاراللىرىدا ھەربىي قىسىم تۇرغۇزۇپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 'خەلقئارا دېڭىز قانۇنى' بۇيىچە، جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدىكى 3000 كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاپ كەلمەكتە. ھېندونېزىيىمۇ 1966 - يىلى بۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە مالايشىيا بىلەن كېلىشىم تۈزگەن.
'تەيۋەنمۇ، جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىمۇ ھەممىسى جۇڭگونىڭ بىر ئايرىلماس قىسمى'
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى 6 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تالاش -تارتىشتا تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، تەيۋەن 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى. بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر 'بىر جۇڭگو' پرىنسىپى بۇيىچە بىۋاستە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقى ئىپادىلىدى.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ 'تەيۋەنمۇ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىمۇ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىنى قوغداش ئىقتىدارى بار' دەپ جاكارلىغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋېيتنام دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۈچ قۇم شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر تەسىس قىلدى
- ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- خۇ جىنتاۋ ۋېيتنام بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى قايتا ئەيىپلىدى