ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۈرۈمچى خەۋەر تورلىرىدا پەيشەنبە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغاندەك، ئۈرۈمچىدە 9 - مارت بىر كۈن ئىچىدە قوي ۋە كالا گۆشىنىڭ باھاسى 70، 80٪ ئەتراپىدا ئۆرلەپ، بىر كېلو قوي گۆشىنىڭ باھاسى 15 يۇئەندىن 22يۇئەنگە، كالا گۆشىنىڭ بولسا 16 يۇئەندىن بىراقلا 22 يۇئەنگە ئۆرلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۋالىڭ، تيەنيىڭ قاتارلىق ئۈچ چوڭ قۇشخانىنىڭ ھەممىسىدە ئەتىگەن سائەت 10 لاردىلا گۆش پۈتۈنلەي قالمىغان. بۇ قىممەت باھادا سېتىلغان گۆشلەرمۇ پەقەت ئالدىنقى كۈندىن سېتىلماي ئېشىپ قالغانلىرى ئىكەن.
نارازىلىق
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ بىر كۈندە ئۈچ چوڭ قۇشخانىدىكى قاسساپلار، قۇشخانا باجلىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۇكانلىرىنى تاقاپ، ھېچ قايسىسى مال سويمىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن گۆش يېتىشمەسلىكتىن باھا بىراقلا ئۆرلەپ كەتكەن. بۇ ئىستىمالچىلارنى ھەمدە ئەتراپتىكى باشقا شەھەرلەردىن قۇشخانىغا مال توشىۋاتقان تىجارەتچىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.
ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىغا تېلېفون قىلىپ گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ رېستۇرانلار سودىسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى سورىدۇق. رېستۇراننىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ، گۆشنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكى بىلەن تاماقنىڭ باھاسىنى ئۆسۇرەلمەيدىغانلىقىنى، بولمىسا خېرىدارلىرىنى قاچۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن بىلمەيمەن
بىز ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق قۇشخانىلاردا ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن مال سويماي بىر كۈن ئىش تاشلىغانلىق سەۋەبى ھەققىدە ئېنىقراق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە كىشىلەردىن مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
بىز ئۈرۈمچىدىكى چوڭ قۇشخانىلارنىڭ بىرى خۇالىڭ قۇشخانىسىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، قاسساپلارنىڭ ئىش تاشلاش سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، نۆۋەتچى بىر خىتاي، "بۈگۈن گۆش 9 كويدەك ئۆرلەپ كەتتى. قۇشخانىدا بۈگۈن بىرمۇ قوي ياكى كالا سويۇلمىدى، قاسساپلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىش تاشلىغىنىنى بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بەردى.
بىز يەنە باج تارماقلىرىدىن جاۋاب ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلارغا تېلېفون ئۇلانمىدى.
مۇناسىۋەتلىك چىقىم ئۆرلىگەن
بەزى قاسساپ ۋە گۆش تىجارەتچىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، 9 - مارت كۈنى قۇشخانىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ مال سويماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ ئايدىن باشلاپ ئالاقىدار ئورۇنلار مال سويۇش بېجىنى بەش يۇئەندىن سەككىز يۇئەنگە ئۆرلەتكەن. شۇنداقلا باشقا باشقۇرۇش ھەقلىرىمۇ مۇناسىپ ئۆرلەپ كەتكەن. بۇ ئەسلىدىكى مۇسۇلمانلار قۇش خانىسى تاقىلىپ يېڭى قۇشخانىلاردا ئەمدى تىجارەت باشلىغان قاسساپلارغا ئىقتىسادى بېسىم ھەم بەلگىلىك زىيان ئېلىپ كەلگەن. نارازى بولغان تىجارەتچىلەر 9 - مارت كۈنى بىراقلا ئىش تاشلاپ مال سويۇشنى رەت قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قۇشخانا بېجىنى تەڭشىشىنى تەلەپ قىلغان.
بىزلا ئەمەس، ئىستىمالچىلارمۇ زىيان تارتىدۇ
تىئەنيىڭ قۇشخانىسىدا بىر قانچە قاسساپ دۇكىنىنى كۆتىرىگە ئالغان بىر تىجارەتچى "قاسساپلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلىشى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىستىمالچىلارنىڭمۇ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتى. چۈنكى نۆۋەتتە باج باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھەر خىل باجلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىۋېتىشى بىلەن گۆشنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەيدىغان بولغاچقا، بۇنىڭ كېيىن ئىستىمالچىلارغىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ " دېدى.
ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار قۇشخانىسىنى تاقىغاندىن كېيىن بۇ جايدا، قاسساپلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 3000 دەك ئۇيغۇر قاسساپ، نۆۋەتتە خۇالىڭ، تيەنيىڭ قاتارلىق يېڭى قۇشخانىلاردا يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان بولغاچقا، دەسمايە سېلىش، كۆچۈش جەريانىدا خىلە كۆپ زىيان تارتقان. بىز بىلەن سۆھبەتتە بولغان قاسساپ كىشى يەنە بۇلارغا قوشۇلۇپ باجنىڭ بارغانچە ئۆرلىشىنىڭ ئۇيغۇر قاسساپلارغا زور ئىقتىسادى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىردا يەنە بۇ قاسساپ، نۆۋەتتە باج تارماقلىرى قاسساپلارنىڭ پىكرىنى ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچكە، بازارنىڭ نورماللىشىپ گۆش باھاسىنىڭمۇ 10 - مارتتىن باشلاپ ئاستا- ئاستا ئەسلىگە قايتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.