ئۈرۈمچىدە گۆشنىڭ باھاسى ئەسلىگە كەلدى


2005-03-11
Share

9 - مارت كۈنى، ئۈرۈمچىدە قوي ھەم كالا گۆشى باھاسى بىر كۈن ئىچىدە 70، 80٪ ئۆرلەپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىققان.

ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىشىمىزچە چارشەنبە كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ چوڭ قۇشخانىدىكى قاسساپلارنىڭ، بازار باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باجنى ئۆرلىتىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بىر كۈن ئىش تاشلىشى، ئۈرۈمچىدىكى بۇ گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان.

10 - مارتتىن باشلاپ، باج ئورۇنلىرى قاسساپلارنىڭ پىكرىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەندىن كېيىن، ئىش تاشلىغان قاسساپلار قايتا ئىش باشلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە گۆشنىڭ باھاسى 11 - مارت كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلى باھاسىغا قايتقان. يەنى قوي گۆشىنىڭ كېلوسى 14 يېرىم يۇئەنگە، كالا گۆشىنىڭ 16 يۇئەنگە چۈشكەن. ئەمما قاسساپلارنىڭ بىر كۈن ئىش تاشلىشى ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك كىرىمىگە زىيان كۆرسىتىپلا قالماي، ئىستىمالچىلارغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۈرۈمچىدىكى ھازىرقى ئەڭ چوڭ قۇشخانا بولغان تيەنيىڭ قۇشخانىسىدىكى قاسساپلاردىن ئىگە بولىشىمىزچە، ئۈرۈمچى ئات چاپتۇرۇش مەيدانىدىكى مۇسۇلمانلار قۇشخانىسى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە تاقالغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى قاسساپلار تيەنيىڭ، خۋالىڭ ھەم شىسەن قۇشخانىلىرىغا بۆلۈنۈپ ئىش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە قۇشخانىلار تارقاق بولغاچقا خېرىدارلار ئازلاپ، بۇ ئۈچ قۇشخانىلار تاقىلىپ قالمىسىمۇ، تىجارىتىنى ئاران دىگەندە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىكەن.

تۈزۈمگە خىلاپ باج يىغىش

ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك باج ئىدارىسى 2003 - يىلى 6 - ئايدىن تارتىپ قاسساپلاردىن ئېلىنىدىغان مال سويۇش بېجىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۈچ قۇشخانىنىڭ يەرلىك باج تارماقلىرى مال سويغۇچىلاردىن باج ئېلىشنى توختاتمىغان.

شۇنداقلا بۇ ئارىدا، باشقا مۇناسىۋەتلىك بازار باشقۇرۇش، تازىلىق تەكشۈرۈش، سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىمۇ قاسساپلاردىن ئالىدىغان ھەقلەرنى يۇقىرىلاتقان. بۇ قالايمىغان باج سېلىقلار، يېڭى قۇشخانىلاردا ئەمدىلا ئىش باشلىغان ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئىش تاشلاش ۋەقەسى ھەم كېلىپ چىققان.

گۆش باھاسى قايتا نورماللاشتى

تىيەنيىڭ قۇشخانىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قاسساپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاسساپلارنىڭ قايتا مال سويۇشقا باشلىغانلىقى ھەمدە گۆش باھاسىنىڭ تۇراقلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

11 - مارت تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاسساپلارنىڭ ئىش تاشلاپ بىر كۈن مال سويمىغانلىقى ھەمدە گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن، 10 - مارت پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى، سانجى، ھەمدە فۇكاڭنىڭ سودا سانائەت باشقۇرۇش تارماقلىرى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى تيەنيىڭ، خۋالىڭ ھەمدە شىسەندىكى قۇشخانىلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشىدىن كېيىن باج تارماقلىرىنىڭ ئۇلاردىن مال سويۇش بېجى ئالمىغان بەلكى ھەر بىر تىجارەتچىدىن مۇقىم بازار ھەققى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەر خىل ھەقلەر ئۆرلىگەن

ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاسساپلار، باج تارماقلىرىدىن باشقا قۇشخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭمۇ قاسساپلاردىن ئالىدىغان ھەر خىل ھەقلەرنى ئۆستۈرىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى سودا تەرەققىيات ئىدارىسى نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە شەخسى كىرىم بېجىنى تەڭشەش ھەققىدە دوكلات سۇنغان. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت