خىتايدىكى قانۇن ‏- تۈزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلماقتا


2006.05.10

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دېھقانلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، يەر ۋە تۇپراق مەسىلىسى ھەققىدە دېھقانلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئەرز سۈنۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز ھوقوقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەتمەكتە. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مۇقىمسىزلىق خىتايدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈنسېرى يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن يەنى مەزكۈر دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

يېقىندا خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالىدىغان ھەمدە تارتىۋېلىنغان يەرگە يېتەرلىك ھەق بەرمەيدىغان ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن يۈز بەرگەن دىلولار ھەققىدە يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرىدىغان دېھقانلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋەدە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ھەقتە يېقىندا خىتاي دۆلەت زوڭلىسى ۋېن جياباۋ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىسىدا مۇنداق دېدى:

"بىز خەلقنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قانۇنغا تايىنىپ تۇرۇپ قوغدىشىمىز كېرەك، بىز يەنە كەڭ ئاممىغا تەربىيە بېرىپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، خەلق قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ".

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى يۇقىرىقىدەك ئالىي نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ھېچقاچان كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقوقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان. ھازىر خىتاينىڭ ھەممىلا ئۆلكىسىدە دېگىدەك، يېزا باشلىقلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى زاۋۇت ئورۇنلىرىغا سېتىپ بېرىپ، دېھقانلارنى يەرسىز قويىدىغان ئەھۋال داۋاملىق يۈز بەرمەكتە، كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ناچار بولغانلىقتىن كان ئىشچىلىرىنىڭ ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ ھەر كۈنى دېگىدەك كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ كۆمۈر كان باشلىقلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن كانلاردا ئىشچىلارنى ئىشلەتمەكتە. خىتاي كومپارتىيىسى بولسا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىلا كۆزدە تۇتۇپ، سانائەت بۇلغىنىشىنىڭ كىشىلەر ھاياتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى بىلەن كارى بولمىغان.

خەلق خىتايدىكى قانۇن - تۈزۈملەردىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن

خىتايدىكى قانۇن ‏- تۈزۈملەر ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، قانۇنشۇناس جېروم كوخېن جەرومە كوھەن ئەپەندى خىتايدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ مەزكۇر جايدىكى قانۇن ‏- تۈزۈملەرنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

"بەختلىك ھايات ئادەمنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلىدۇ. لېكىن مەسىلە قانداق قىلغاندا بۇ خىل بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش مەسىلىسىدۇر. ئەگەر خىتايدىكى خەلق ۋېن جياباۋنىڭ دېگىنىدەك مەزكۇر جايدىكى قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالىغان بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرمىگەن بولاتتى. دېمەك خەلق خىتايدىكى قانۇن - تۈزۈملەردىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن، چۈنكى بۇ خىل قانۇن - تۈزۈملەر ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرەلمىگەن. بۇ خىل ئۈمىدسىزلىنىش مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى ۋە يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ".

قانۇنشۇناس جېروم كوخېن جەرومە كوھەن ئەپەندى "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش بېجىرىش ھوقوقى بېرىشى كېرەك. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىلسا، ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.