0:00 / 0:00
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، چەتەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتتىق نارازى بولماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن نارازى بولغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام ۋە كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.