نازاربايېفنىڭ كۈي ئوغلىنى جازالىشى ئىسلاھاتمۇ ياكى ئائىلىۋى ماجرامۇ؟


2007.05.30

يېقىندا يۈز بەرگەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۆز كۈي ئوغلىنى جازالىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئىنكاس ۋە تەھلىللەر داۋاملاشماقتا، بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر بۇنىڭ نازاربايېفنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسە، ئۆكتىچىلەر مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئائىلىۋى ماجرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

بۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزارا كۈرەشنىڭ ئىپادىسى

ئۆتكەن شەنبە كۈنى قازاقسىتان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف كۈي ئوغلى يەنى چوڭ قىزى دارىغا نازاربايېۋانىڭ ئېرى راھەت ئالىيېفنى ئاۋستىرىيىدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ راھەت ئالىيېفنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىزدەۋاتقانلىقى ھەمدە قازاقىستان باش تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. رۇسىيىدە چىقىدىغان مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، راھەت ئالىيېف ئۆزى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ سىياسىي تۈس ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راھەت ئالىيېف بۇ يىل 9-فېۋرال كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاۋستىرىيە ھەمدە ئاۋىستىرىيىگە جايلاشقان ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن ئىدى. نۇرسۇلتان نازاربايېفنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن راھەت ئالىيېف بىر مەزگىل قازاقىستان مەتبۇئات ساھەسىنى كونترول قىلغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نازاربايېف ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەرگەن ئىدى.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە جۈملىدىن ئۇنىڭ كۈي ئوغلىنى جازالىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە قازاقىستاننىڭ يۇقىرى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قاتلىمىدىكى ئۆزارا كۈرەشنىڭ بىر ئىپادىسىدىن ئىبارەت.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بۇ چوڭ ۋەقەنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارە قويۇۋېتىشى قازاقىستاننىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىشىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.

نازاربايېفنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق

ئالدىنقى ھەپتىدە نۇرسۇلتان نازاربايېف ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن ماددىلىرىنى يېڭىلىغان ئىدى. مەزكۇر يېڭى ئۆزگىرىش بويىچە، پرېزىدېنتلىق مۇددىتى بۇرۇنقى 7 يىلدىن 5 يىلغا ئۆزگىرىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەت رەئىسى، ھەر قايسى ۋىلايەتلەر ۋە ناھىيىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى خەلق سايلايدۇ.

نازاربايېف 2012-يىلىدىن ئېتىبارەن مەزكۇر قانۇننى كۈچكە ئىگە قىلىپ، دۆلەتنى پرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنتلىق سىستېمىدىكى مەملىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، نازاربايېف مىللىي مەسىلىدىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولۇپ، پارلامېنتتىكى توققۇز ئورۇن مىللەتلەر قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بەلگىلىمە بويىچە قازاقىستاندىكى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلاردىن كەم دېگەندە ئىككى ئادەم پارلامېنت ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، پرېزىدېنت نازاربايېف دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، چۈنكى، ئۇ قازاقىستاننى ئىقتىسادىي ۋە دېموكراتىك جەھەتلەردىن تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق ئىناۋىتىنى ئاشۇرماقچى ھەمدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەردە قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلغان ۋە گۈللەنگەن دېموكراتىك مەملىكەتكە ئايلانسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدىمۇ پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

بۇ پارىخورلۇقنىتازىلاشنىڭ ئىپادىسى

نۆۋەتتە، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۆز كۈي ئوغلىنى جازالىشى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ دۆلەتتىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۆز ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلق مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان قىلمىشلارغا نىسبەتەن تازىلاش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ ھېسابلىغان.

بىراق، قازاقىستانلىق سىياسىيون قەھرىمان غوجام بەردى بۇ خىل پىكىرگە قوشۇلسىمۇ، لېكىن، بۇنداق تازىلاشنىڭ بىراقلا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلمىشلارنىڭ مەزكۇر مەملىكەتتە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكىنى ، نازاربايېفنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ ھەم باشلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، راھەت ئالىيېف قېيىن ئاتىسى نۇرسۇلتان نازاربايېفنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە ئاۋىسترىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.