قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى
2006.12.20
مەركىزىي ياۋرو ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 19-دەكابىر كۈنى خىتايغا قاراتقان بەش كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە 20-دەكابىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، سوھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبىرى قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن شۇنىڭدەك ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن خۇ جىنتاۋ خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق مەيدانلىرىنى ئىپادە قىلىشقان.
ئىككى رەھبەر ئون كېلىشىمىگە قول قويدى
بۈگۈنكى قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن خۇ جىنتاۋ 10 كېلىشىمگە قول قويغان بولۇپ، بۇ سىياسىي مۇناسىۋەت، سودا-ئىقتىساد، مەدەنىي -مائارىپ يەنى ئۆزارا بىر –بىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانلىرى ھەم ئوقۇش ھەم ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئا چېگرا ھالقىغان دەريالار ۋە سۇ ئىشلىرىغا قارىتا ئىلمىي تەتقىقات قىلىش ھەم ئۇچۇر، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تاموجنا كونتروللۇقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىم ئىمزالىغان ھۆججەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خاراكتېرلىق " خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ 21-ئەسىرىدىكى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيىسى" بىلەن " خىتاي-قازاقىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى" قاتارلىق ئىككى كېلىشىم بولۇپ، بۇنىڭدا قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي، سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كونكرەت نىشانى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئىككى رەھبەر قازاق-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۈتۈشتىن
شىنخۇئانىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا خۇ جىنتاۋ جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن تۆت خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار سىياسىي، سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئاممىۋى پائالىيەت شۇنىڭدەك بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خۇ جىنتاۋ مەزكۇر تۆت خىل تەكلىپىدە ئۆزارا سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن " جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ 21-ئەسىردىكى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيىسى"نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2015-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ سودىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقىدىكى قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرىتىنى تېزلىتىش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت شۇنىڭدەك ئاممىۋى جەمىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ھەتتە خىتاي " قازاقىستان مەدەنىيەت بايرىمى" ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئورتاق ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.
قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە پروفېسسورى شېرىپجان نادىروپ ھازىر قازاقىستاننى ئوز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ دۆلەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقى، ئۇلار ئارىسىدا رىقابەت كېتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قازاقىستاننى يېنىغا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بولسا، خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپلىرىنى مەدھىيلەپ، قازاقىستاننىڭ سودا، ئېنېرگىيە، ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ئىككى رەھبەر سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۆھبەت تېمىسىدۇر. قازاقىستان بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئايرىم مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىشكە ئىزچىل پۈتۈشۈپ كەلمەكتە.
خىتاي رەھبەرلىرى باشتىن ئاخىرى قازاقىستاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي بىلەن قازاقىستان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان شۇنىڭدەك يەنە نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق زىيارەتلىرىدە " شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ بىر قىسىمى" دەپ قاراپ، خىتاي بىلەن بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مەزكۇر نۇقتا ئىككى دۆلەت كېلىشىملىرى ۋە بىرلەشمە باياناتلىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
شۇنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ تۆت خىل تەكلىپىنىڭ تۆتىنچىسى سۈپىتىدە " بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپتىن قويۇق ھەمكارلىشىش، ئىككى تەرەپ "ئۈچ خىل كۈچ"لەردىن ھەم چېگرا ھالقىغان جىنايەتچىلىكتىن ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش. . " دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ يەردە ئۇنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېۋمۇ ئۆز سۆزىدە قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۈچ خىل كۈچلەر" گە داۋاملىق زەربە بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاي رەھبەرلىرىدىن جىئاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئىلگىرىكى رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىدا "قازاقىستان-خىتاي ئىناق-قوشنىدارچىلىق، دوستانە-ھەمكارلىق شەرتنامىسى"، " خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ 2003-2008-يىللىق ھەمكارلىق پروگراممىسى" قاتارلىق كۆپلىگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە كېلىشىملەر ھەم شەرتنامىلەرگە قول قويغان ئىدى. 2005-يىلى خۇ جىنتاۋ ئاستانانى زىيارەت قىلغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى " ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت" دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن شۇنىڭدەك ئۇلار ئارىسىدىكى سودا 2005-يىلى يەتتە مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان. بۇ يىل سەككىز مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈش قارار قىلىنغان.
قازاقىستان بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، خىتاي قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرىنىڭ 40% تىن ئارتۇق پاي چېكىنى سېتىۋالغان ھەمدە ئاتاسۇ-ئالاتاغ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ئىشقا كىرىشىپ، يىلىغا 12 مىليون توننا نېفىتنى خىتايغا توشۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. خىتاي ھازىر قازاقىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگىلەش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ كەلگۈسى، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار قازاقىستان زىيالىيلار ۋە سىياسەتچىلەر ھەم ئامما ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئاتاقلىق قازاق سىياسىيونى مۇرات ئاۋىزوپ بۇ بۇ پىكىرنىڭ ۋەكىلى سۇپىتىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايدىن ھۇشيار بولۇشقا كوپ قېتىم دەۋەت قىلغان ئىدى.
بۈگۈنكى قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، نۇرسۇلتان نازاربايەۋ بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي قازاقىستان ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟ - بىر قازاق مۇلاھىزىچىسىنىڭ كۆز قاراشلىرى
- قازاقىستان رۇس يېزىقىنى تاشلىۋاتمەكچى
- نازاربايېۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى
- قازاقىستان پادىشاھلىق دۆلەت بولامدۇ؟
- قازاقىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى
- قازاقىستان بىلەن خىتاي تېررورىزىمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- "ياش ئالاش گېزىتى": ئىلى ئوبلاستىكى قازاقلار يەر زىمىن ۋە ئوتلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا
- قازاقىستان: جۇڭگو ئىلى - ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى قالايمىقان ئىشلەتمەكتە
- قازاقىستان نېفىتى خىتايغا ئېقىتىلىشقا باشلىغاندا خىتايدا نېفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 10% ئۆرلىدى
- سەرسانبايېفنىڭ ئۆلۈمى قازاقىستاندا سىياسى بوران - چاپقۇن چىقاردى