باكۇ-تىفلىس-جېيخان نېفىت تۇرۇبىسىدىن نېفىت ئېقىشقا باشلىدى
2005.05.25
باكۇ-تىفلىس-جېيخان نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، 24-ماي كۈنى باكادۇ ئازاربەيجان، گروزىيە ۋە تۈركىيىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا باكۇ-تىفلىس-جېيخان نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ ئېچىلىشى ياۋروپانى نېفىت بىلەن تەمىنلەش، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە توشۇغۇچى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يۈكسەلدۇرۇش، قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مەزكۇر نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا مەتبۇئاتلاردا ئېيتىلغاندەك رۇسىيە قارشى چىققانمۇ؟ بۇ نېفىت تۇرۇبىسىدا ئامېرىكىنىڭ رولى نېمە؟ نېفىت تۇرۇبىسىغا خىتايلار قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ نېفىت تۇرۇبىسىبى ياسىغان بوتاش شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئوسمان گوكسەل ئەپەندى ۋە ياۋرو – ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور سىنا ئوگان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئەلىپ باردۇق.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.