رۇسىيە -تۈركمەنىستان -قازاقىستان سۆھبىتى ۋە ئېنېرگىيە كۈرىشى
2007.05.14
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 9-مايدىن 12-مايغىچە بولغان تۆت كۇن جەريانىدا مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئىككى ئېنېرگىيە دۆلىتى قازاقىستان بىلەن تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى ھەمدە كېلىشىملارنى ھاسىل قىلدى.
ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېنېرگىيە جەھەتتىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
پۇتىن زىيارەت جەريانىدا قازاقىستاندا ئىككى قېتىم بولدى
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان زىيارىتىنى ئالدى بىلەن قازاقىستاندىن باشلىدى. ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئۇ ئاستانادا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ يۇقىرى ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋېلىشىغا سازاۋەر بولغان.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن نۇرسۇلتان نازاربايېف ئېنېرگېتىكا مەسىلىسىنى ھالقىلىق مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كۆمۈرچىلىك ساھەسىدىكى توشۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئاتوم يادروسى ساھەسىدىكى ئۆزارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ قازاقىستان، بېلورۇسىيە بىلەن بولغان تاموژنا ئىتتىپاقى قۇرۇش مەسىلىلىرى ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدىكى مەركىزىي تېما بولغان. نازاربايېف كاسپى نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق رۇسىيىگە ماڭدۇرىدىغان نېفىتنىڭ مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا رازىلىق بىلدۈرگەن، پۇتىن بولسا، رۇسىيىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئۇران تاۋلاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش، بايقانۇر ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش مەركىزىنى بىرلىكتە باشقۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.
تۈركمەنىستان زىيارىتى
ۋلادىمىر پۇتىن نازاربايېف بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن 11-12-ماي كۈنلىرى تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولغان. بۇ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ يېقىندا موسكۋاغا ئېلىپ بارغان دۆلەت زىيارىتىگە جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى، پۇتىننىڭ ھاكىمىيەت تۇتقاندىن بۇيان بۇ دۆلەتكە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي سەپىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
پۇتىن بىلەن بەردىمۇھەممەدوف تۈركمەنىستان -رۇسىيە ھەمكارلىقى جۈملىدىن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، 12- ماي كۈنى تۈركمەنىستاننىڭ تۈركمەنباشى شەھىرىدە ۋلادىمىر پۇتىن، نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف مەخسۇس كاسپى تەبىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
مەزكۇر ئۈچ دۆلەت رەھبىرى تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى كاسپى دېڭىزىنى بويلاپ، قازاقىستان تېررىتورىيىسى ئارقىلىق رۇسىيىگە ئاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكىسپورت قىلىشقا پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھازىر 1967-قۇرۇلغان كاسپى دېڭىزى قىرغىقىنى بويلاپ، قازاقىستان ئارقىلىق رۇسىيىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى مەۋجۇت.
لېكىن، بۇنىڭ توشۇش مىقدارى ئېھتىياجنى قامدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ رەھبەر مەزكۇر تۇرۇبا يولىنى رېمونت قىلىپ، توشۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەم بۇ يولنى بويلاپ يېڭى تۇرۇبا ياتقۇزۇش شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستاننىمۇ تۇتاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ كېلىشىمى بۇ يىل 9-ئايدا رەسمى ئىمزالىنىدۇ.
پۇتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە كۈرىشىدە غەلىبە قازاندى
پۇتىننىڭ تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن بۇ رايوننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى رۇسىيە تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېكىسپورت قىلىشنى كۈچەيتىشى رۇسىيە ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيىسىنى تالىشىۋاتقان خىتاي ھەم غەرب ئۈستىدىن قازىنىلغان زور غەلىبىدىن ئىبارەتتۇر.
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگېتىكا مىنىستىرى سەمۇيېل بودمان دۈشەنبە كۈنى پارىژدا بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپانىڭ ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىش مەنبەلىرىنى ھەرخىللاشتۇرۇشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا، رۇسىيىگە تېخىمۇ بېقىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. چۈنكى، رۇسىيە ھازىرغىچە ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، گازنىڭ باھاسى ۋە باشقا مەسىلىلەردە ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا دائىم پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىققان ئىدى.
ياۋروپا رۇسىيىگە بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازلىرىنى بىۋاسىتە ئېلىش مەقسىتىدە باشقا يېڭى يوللارنى ئىزدىگەن.
خىتاينىڭ ئەھۋالى چاتاقمۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوف خىتاي بىلەن گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، ئۇنى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە ياكى قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا تۇتاشتۇرۇپ، ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر گازنى خىتايغا ئېكىسپورت قىلىش ھەققىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بىراق، نىيازوف ئۆلگەندىن كېيىن خىتاي تۈركمەنىستاننىڭ بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم، پرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوف خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىمنى تىلغا ئېلىپ قويمىغان.
قازاقىستانمۇ خىتاي بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇش ھەمدە ئاتاسۇ-ئالاتاۋ تۇرۇبىسى ئارقىلىق توشۇلىدىغان نېفىتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نازاربايېف بۇ قېتىم پۇتىنغا رۇسىيىگە ماڭدۇرىلىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.
ئۆتكەن يىلى قازاقىستان چەتكە ماڭدۇرغان 53 مىليون توننا نېفىتنىڭ 42 مىليونىنى رۇسىيە ئارقىلىق ماڭدۇرغان بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر سان تېخىمۇ ئاشماقچى. ئۇنداقتا ئاستانا ۋە ئاشخاباد رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ بىلەن بولىدىغان ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ بىر مۇھىم سوئال بولسا كېرەك؟
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە تۈركمەنىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆز ئېنېرگىيىسىنى مۇستەقىل ھالدا ياۋروپا ۋە خىتاي بازىرىغا سېتىشىنى خالىمايدۇ. لېكىن، تۈركمەنىستان رەھبىرى بەردىمۇھەممەدوف ياۋروپا بىلەن خىتاينى خاتىرجەم قىلىپ، تۈركمەنىستاننىڭ كاسپى دېڭىزى ئارقىلىق ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر بۇ يولنىڭ تۈركمەنىستان ئۈچۈن ئېغىر توختايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇتىن ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىۋاتقان 11-13-ماي كۈنلىرى پولشادا ئۇكرائىنىيە، ئەزەربەيجان، گرۇزىيە، پولشا ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئەسلىدە يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نازاربايېف بىردىنلا بۇنىڭغا بارماي، ئەكسىچە پۇتىننى كۈتۈۋېلىپ، تۈركمەنىستان ھەم رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، غەرب ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيىسىنى رۇسىيىدىن تالىشىش كۈرەشلىرى تېخىمۇ ئەۋجى ئېلىشى مۇمكىن.
ۋلادىمىر پۇتىن 12-ماي كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قازاقىستانغا قايتىپ، ئاق تاۋ شەھىرىدە نازاربايېفنىڭ " ئاق ئوردىسى"دا ئۇنىڭ بىلەن بولغان سوھبىتىنى داۋاملاشتۇرغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە " ۋەتەن ئۇرۇشى"نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى
- مىس ھەيكەلدىن تۇغۇلغان جىدەللەر: ئېستونىيە - رۇسىيە دىپلوماتىك كۈرەشلىرى
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"
- رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بورىس يېلتسىنگە بەرگەن باھالىرى
- رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان تەبئىي گازى ئۈستىدىكى كونتروللۇقى داۋاملىشىدۇ
- سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋە دېموكراتىيە
- رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋاپات بولدى
- ئامېرىكا - رۇسىيە ئارىسىدا قايتا سوغۇق ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنەمدۇ؟
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ
- رۇسىيە-گرۇزىيە توقۇنۇشى
- رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى ۋەھشىيانە قىلمىشلار
- ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيە گاز مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى