رۇسىيە خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىپ بەرمەيدۇ


2007.06.20

19-ئىيۇن كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىراق شەرق ۋە تاشقى بايقال رايونىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز شىركىتى " گازپروم" ساخالىن ئارىلىنىڭ تەبىئىي گازلىرى بىلەن خىتاينى تەمىنلەش پىلانىغا قارشى چىقىپ، "ساخالىن -1" مەنبەسىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا سېتىشنى تەنقىد قىلدى.

گازپروم شىركىتىنىڭ بۇ خىل مەيدانى رۇسىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىغا كىرگەن ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتاي شۇنىڭدەك ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

گاز بىلەن تەمىىنلىنىشكە مۇھتاج يىراق شەرق

رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى ساخالىن ئارىلى مول تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە رايون بولۇپ، بۇ يەردىكى گاز مەنبەلىرىنى ئېچىشقا ئامېرىكىنىڭ "ئېخسان موبىل" ،" شېلل" ۋە ياپونىيىنىڭ "مىتسۇبىشى" قاتارلىق شىركەتلىرى قاتنىشىپ مەبلەغ سالغان. "ساخالىن -1" ناملىق گازلىق ئەنە شۇ شىركەتلەرنىڭ مەبلىغى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، 2006-يىلى 16-ئۆكتەبىردە" ئېخسان موبىل" خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى بىلەن خىتايغا ھەر يىلى سەككىز مىليارد كۇب مېتىر گاز سېتىپ بېرىش ھەققىدە توختامنامە تۈزگەن.

" رۇسىيە گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا گازپروم شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر ئانانېنكوف رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن "ساخالىن-1" نىڭ خىتايغا گاز سېتىش پىلانىنى توسۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىپ،" ئېخسان موبىل"نىڭ رۇسىيە گازلىرىنى ئېكىسپورت قىلماسلىقىنى ، ئېكىسپورت قىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى تۆت رايوننىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىش ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇپ، بۇ رايون ئاھالىلىرىنى ھەر يىلى 15 مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى مەۋجۇت، رۇسىيە دۆلەتلىك گازپروم شىركىتى بۇ ئېھتىياجنى قامدىيالمىغان .

گازپروم شىركىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ ياقۇتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى گازلارنى خاباروۋسكى رايونىغا ئېلىپ كېلىشكە ۋاقىت كېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە "ساخالىن -3 "دەپ ئاتالغان تەبىئىي گازلىقنى ئېچىپ، بۇ يەردىن ئالغان گازلار بىلەن يىراق شەرقنى تەمىنلەشكە ئاز دېگەندە يەنە ئىككى - ئۈچ يىل سەرپ قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى گاز سېتىشقا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن

ساخالىن ئارىلىدىكى "ساخالىن-1" ناملىق گاز مەنبەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبەلەردە جەمئىي 485 مىليارد كۇب مېتىر گاز زاپىسى بار بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشتا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونى جۈملىدىن ساخالىن ئارىلىدىكى تەبىئىي گازلىقلارنى مۇھىم نىشان قىلغان ئىدى.

گازپروم شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر ئانانېنكوفنىڭ خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلماسلىق تەلىپىنى رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاندرېي دېمېنتىيېۋ قوللاپ، " بىز ساخالىن-1 مەنبەسىنىڭ گازلىرى رۇسىيىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز، چۈنكى ئۇنىڭسىز، رۇسىيىدە ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقى بولمايدۇ" دەيدۇ.

" رۇسىيە گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى دېمېنتىيېۋ يەنە ساخالىن-1 نى ئاچقان ئامېرىكا ئېخسان موبىل شىركىتىنىڭ خىتايغا گاز سېتىشى مەسىلىسىدە ھەققىدە توختىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ رۇسىيىنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىشى ، يەنى ئېچىلغان گازلارنىڭ ئالدى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گازپروم شىركىتىنىڭ "ساخالىن-1" تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا سېتىش مەسىلىسىگە قارشى چىقىشىغا نىسبەتەن تۈرلۈك ئىنكاسلار قوزغالدى. رۇسىيە تەبىئىي گاز جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى چىنوفنىڭ قارىشىچە، گازپرومنىڭ خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىشقا قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ رۇسىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى توقۇنۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

نۆۋەتتە، رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىمۇ يۇقىرى بولۇپ، يىراق شەرق قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا گاز بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت. بەلكى رۇسىيە بۇنىڭدىن كېيىن ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە تېخىمۇ زور دەرىجىدە يولۇقۇشى مۇمكىن.

ئېنېرگىيە خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا

خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ ھازىردىن باشلاپ، كەلگۈسى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، رۇسىيە , قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىملىرى تۈزدى.

ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا باشتىن ئاخىرى مۇھىم تېما بولۇپ كەلگەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئىككى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، 2011-يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە گازلىرىنى خىتايغا تارتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىمۇ ئۆز ئېنېرگىيىلىرىنى ياۋروپاغا سېتىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، رۇسىيە ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، پرېزىدېنت پۇتىن يېقىندا قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن كاسپى دېڭىزى بويى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ئۆزى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىدى. رۇسىيە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ يەنىلا بۇ رايوندىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

قىسقىسى رۇسىيە سىياسەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلىرى جۈملىدىن ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا كۆپلەپ ساتماسلىق، خىتاينىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بېكىتىش ئىدىيىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا پرېزىدېنت پۇتىن يىراق شەرق ۋە تاشقى بايقال رايونىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى تۈزۈپ چىققان ئىدى.

رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى خىتاينىڭ داچىڭ-ئانگارسكى نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ئارقىلىق رۇسىيە نېفىتلىرىگە ئېرىشىش پىلانى مەغلۇب بولغان ھەمدە يېقىندا رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئورناتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇ قېتىم خىتاينىڭ ساخالىن-1 تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ھەر يىلى سەككىز مىليارد كۇب مېتىر گازغا ئېرىشىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستىراتېگىيىسى ئۈچۈن زور زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.