خىتاي تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت-تەبىئىي گاز ئېچىشتا چەتئەل شىركەتلىرىگە تۇنجى قېتىم ئىشىك ئاچتى


2006.07.14

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېچىش ئۈچۈن چەتئەل شىركەتلىرىگە ئىشىكنى كەڭ ئاچتى. بۇنداق شەكىل بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىت -تەبىئىي گاز شىركىتى گۇرۇھى 7 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى، ئۆزى تارىم ئويمانلىقىدا كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان 9 قېدىرىش رايونىدىكى 110 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاشقا چەتئەل نېفىت -تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي نېفىت - تەبىئىئىي گاز شىركىتى گۇرۇھى تارىم ئويمانلىقىنىڭ يۇقىرى ئېقىن رايونلىرىغا 1980 ‏- يىللاردىن باشلاپ چەتئەلدىن مەبلەغ جەلىپ قىلىشقا باشلاپ، 46 چەتئەل شىركىتىدىن 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش ئۈچۈن چەتئەل شىركەتلىرىگە ئىشىك ئېچىۋىتىشتە قوللىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش مودېلى 'نىسبەت بۇيىچە بۆلۈشۈش' توختامى تۈزۈشتىن ئىبارەت بولىدىكەن. ھازىر خەلقئارادا بىر قىسىم نېفىت -تەبىئىي گاز شىركەتلىرى بۇ شەكىلگە قىزىقماقتا.

تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش جەھەتتە خىتايدا پەيدا بولغان بۇنداق يېڭى يۈزلىنىش ھەققىدە تۈركىيىنىڭ ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قاراشلىرى قانداق؟

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.