0:00 / 0:00
كاسپى دېڭىزىدىكى نېفىتنى غەرب بازىرىگا ئۇلاشتۇرىدىگان باكۇ تىفلىس جەيھان نېفىت تۇربىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈركىيىنىڭ جەيھان شەھرىدە تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا سوز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوگان، تۈركىيىنىڭ جەيھان شەھرىنىڭ دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىدىگانلىقىنى ئېيتتى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا كوپ ساندا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ۋەكىلى قاتناشتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
